رۇت 2:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 رۇت ئېتىزدا باشاق تېرىۋاتقاندا، بوئاز بەيتلەھەمدىن كەلدى. ئۇ ئورمىچىلارغا: _ پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولغاي! _ دەپ سالام بەردى. _ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! _ دەپ سالام قايتۇردى ئۇلارمۇ. Faic an caibideil |
خوجايىنلىرىمۇ ئېتىقادچى بولسا، قۇللار: «بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئائىلىسىدىكى قېرىنداشلارغۇ» دەپ، ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلمىسۇن. ئەكسىچە، خوجايىنلىرىغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلسۇن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ياخشى خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان خوجايىنلار دەل خۇدانىڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلىرىدۇر. سەن ئېتىقادچىلارغا بۇ تەلىملەرنى ئۆگەتكىن ۋە تاپىلىغىن.
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمىساڭلار، بۈگۈن قارارىڭلارنى بېرىڭلار. ئەجدادلىرىڭلار ئىلگىرى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە چوقۇنغان ئىلاھلارغا ياكى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئامورلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ مەن ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىمىز!