Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




رۇت 2:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى پەرۋەردىگار ئۆزۈڭگە ياندۇرغاي. سەن قانىتى ئاستىدا پاناھلىق ئىزدىگەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا مول ئىلتىپاتىنى ياغدۇرغاي، _ دېدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




رۇت 2:12
29 Iomraidhean Croise  

كۆز قارىچۇقۇڭدەك ئاسرىغىن مېنى، مېنى ھالاك قىلماقچى بولغان رەزىللەردىن. قاناتلىرىڭ ئاستىغا يوشۇرغىن مېنى، قورشىۋالغان ئەشەددىي دۈشمەنلىرىمدىن.


شۇنداقلا ئاگاھلاندۇرار مەن بەندەڭنى، چىڭ تۇرغۇچى بۇلاردا ئالار كاتتا ئىنئامىنى.


بىباھادۇر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، ئى خۇدا، پاناھ تاپار ئىنسانلار قاناتلىرىڭ سايىسىدا.


شەپقەت كۆرسەتكىن ئى خۇدا، شەپقەت كۆرسەتكىن ماڭا. چۈنكى مەن پاناھ تاپارمەن سەندە، قاناتلىرىڭنىڭ ئاستىدا، تاكى خەتەر ئۆتۈپ كەتكۈچە.


شۇڭا دەركى ئىنسانلار: «ھەققانىيلار ئىنئام ئالۇر، شۈبھىسىزكى، يەر يۈزىدە سوراق قىلغۇچى خۇدا باردۇر.»


چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك ماكان قىلاي، قاناتلىرىڭنىڭ سايىسىدا پاناھ تاپاي. سېلاھ


سەن مەدەتكار بولۇپ كەلدىڭ ماڭا ئى خۇدا، كۈيلەيمەن سېنى قاناتلىرىڭ سايىسىدا.


بۈركۈت كەبى ئۇ قاناتلىرى ئاستىغا ئالار سېنى، سەن ئۈچۈن پاناھ بولار ئۇنىڭ قاناتلىرى، قالقان ۋە ئىستىھكامىڭ بولار ساداقىتى.


كۆپۈكتەك بولار يامانلارنىڭ تاپقىنى. چوقۇم ئىنئام ئالار ھەققانىيلىق ئۇرۇقىنى چاچقۇچى.


بەرھەق، باردۇر سېنىڭ ئىستىقبالىڭ. يوققا چىقماس ئارزۇ-ئۈمىدىڭ.


لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «يىغلىما! ياش تۆكمە! چۈنكى مەن بالىلىرىڭ ئۈچۈن قىلغان ھەممە مېھنىتىڭنى ساڭا قايتۇرىمەن. پەرزەنتلىرىڭ دۈشمەن زېمىنىدىن قايتىپ كېلىدۇ.


- ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار.


شاد-خۇرام بولۇڭلار. چۈنكى، ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرمۇ مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان.


- دىققەت قىلىڭلاركى، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلماڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەيسىلەر.


ياق! سىلەر دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدۇ.


ساختا كەمتەرلىك قىلىشقا ۋە پەرىشتىلەرگە چوقۇنۇشقا بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئىشلاردا ئەيىبلەشلىرىگە پەرۋا قىلماڭلار. ئۇلار ساختا، غايىبانە ئالامەتلەرگە ئېسىلىشىۋېلىپ، ھەر خىل خام خىياللاردا بولۇپ، ئاساسسىز تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ.


قىيامەت كۈنى، ئۇنىڭ رەببىمىزنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن. ئەفەس شەھىرىدە ئۇنىڭ ماڭا قىلغان نۇرغۇن خىزمىتىدىن سېنىڭمۇ ئوبدان خەۋىرىڭ بار.


ھازىر ھەققانىيلىق تاجى مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇنى ئادىل سوراق قىلىدىغان رەببىمىز قايتا كەلگەندە، ماڭا كىيدۈرىدۇ. شۇنداقلا، ئۇنى يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ قايتا كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە كىيدۈرىدۇ.


ئۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئۈچۈن خارلىنىشنى، مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىققا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى. چۈنكى، ئۇ ئەرشتىكى ئىنئامنى كۈتۈۋاتاتتى.


دېمەك، ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، خۇدانىڭ ئالدىغا كېلىدىغان كىشى ئۇنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنى ئىزدىگەنلەرگە ئىزدەش ئەجرىنى قايتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك.


خۇدا ئادالەتسىز ئەمەستۇر. ئۇ ھەرگىز سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلار ۋە ئېتىقادچىلارغا قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ.


بىراق رۇت: _ مېنى سىزدىن تېنىشقا ۋە قېشىڭىزدىن كېتىشكە زورلىماڭ. سىز نەگە بارسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن. سىز نەدە تۇرسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە تۇرىمەن. سىزنىڭ خەلقىڭىز مېنىڭمۇ خەلقىم. سىزنىڭ خۇدايىڭىز مېنىڭمۇ خۇدايىم.


بوئاز ئۇنىڭغا: _ سەن تۇل قالغاندىن كېيىن، قېيىنئاناڭغا ۋاپادار بولغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ۋە يۇرتۇڭدىن ئايرىلىپ، بۇ يات خەلق ئىچىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىڭدىن تولۇق خەۋىرىم بار.


رۇت ئۇنىڭغا: _ خوجام، سىز ماڭا شۇنچە كۆپ ئىلتىپات كۆرسەتتىڭىز، گەرچە مەن سىزنىڭ خىزمەتكارلىرىڭىزدىن بولمىساممۇ، ماڭا شۇنداق مۇلايىم سۆزلەرنى قىلىپ، كۆڭلۈمگە تەسەللى بەردىڭىز، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.


سىز ئۈچۈن يەتتە ئوغۇلدىنمۇ ئەۋزەل كېلىنىڭىز سىزگە ياخشى قارىدى، ھازىر ئۇ سىزگە بىر نەۋرە تۇغۇپ بەردى. بۇ نەۋرىڭىز سىزنىڭ قولىڭىزغا قول، پۇتىڭىزغا پۇت بولۇپ، ياشانغان ۋاقتىڭىزدا تايانچىڭىز بولىدۇ، _ دېيىشتى.


كىممۇ سەندەك ئۆز دۈشمىنىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئاق يول تىلەپ يولغا سالىدۇ؟ پەرۋەردىگار سېنىڭ بۈگۈن ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ياخشىلىق ياندۇرغاي!


ئەمدى مەن سېنىڭ چوقۇم پادىشاھ بولىدىغانلىقىڭنى، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقى سېنىڭ قولۇڭدا مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى بىلدىم.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan