3-4 ئۇلار ئۇ يەردە ئون يىلچە ياشايدۇ. بۇ جەرياندا ئەلىمەلەك ئالەمدىن ئۆتۈپ، نائومى ئىككى ئوغلى بىلەن قالىدۇ. ئىككى ئوغلى موئابلىق قىزلاردىن ئورپاھ ۋە رۇتلارغا ئۆيلىنىدۇ.
پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكى بىر كىشىنىڭ ئايالى ئېلىشانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ تەقسىر، ئېرىم ئۆلۈپ كەتتى. سىلىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇ پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن ئادەم ئىدى. ئۇنىڭغا قەرز بەرگۈچى ئەمدىلىكتە ئىككى ئوغلۇمنى قۇللۇققا ئېلىپ كەتكىلى كەپتۇ، _ دېدى.
كۆپ بولار ھەققانىي ئادەم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، ئەمما ئۇلاردىن خالاس قىلار پەرۋەردىگار.
چۈنكى، پەرۋەردىگار سۆيگەنلىرىگە تەربىيە بېرىدۇ، پەرزەنتىم دەپ قوبۇل قىلغانلارنى چىۋىقلايدۇ.»