Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




ۋەھىيلەر 8:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئۈچىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، ئاسماندىن مەشئەلدەك يالقۇنلاپ يانغان چوڭ بىر يۇلتۇز دەريالارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ۋە بۇلاقلارنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




ۋەھىيلەر 8:10
21 Iomraidhean Croise  

ئەمەلدارلىرى ۋە لەشكەر باشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى سۇ مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش قارارىغا كەلدى، جامائەتمۇ بۇنى قوللىدى.


سىلەر خۇشاللىق بىلەن نىجاتلىق قۇدۇقىدىن سۇ ئېلىڭلار.


سەن قانداق بولۇپ كۆكتىن يىقىلدىڭ؟! سەن ئاسماندىكى يورۇق يۇلتۇز، تاڭنىڭ نۇرى ئەمەسمىدىڭ؟! قانداق بولۇپ يەرگە چۈشۈپ كەتتىڭ؟! سەن يەر يۈزىدىكى دۆلەتلەرنى گۇمران قىلغان ئەمەسمىدىڭ؟!


مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بۇ زېمىندىكى ئادەملەرنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى يوقىلىدۇ، پەقەت ئۈچتىن بىرى تىرىك قالىدۇ.


مەن ئۇلارنى ئوتتا سىنايمەن. ئۇلارنى تاۋلانغان كۈمۈشتەك پاك قىلىمەن. ئۇلارنى ئالتۇننى تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. مەن: ‹بۇلار مېنىڭ خەلقىمدۇر› دەيمەن، ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر› دېيىشىدۇ.»


- ئۇ ۋاقىتتا، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى قوللىرىغا چىراغ ئېلىپ تويى بولغان يىگىتنىڭ ئالدىغا چىققان ئون قىز قولداشقا ئوخشايدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - شۇنداق! شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك تېز چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم.


خۇددى دېڭىزنىڭ دەھشەتلىك دولقۇنلىرى مەينەتچىلىكنى قىرغاققا ئۇرۇپ چىقارغاندەك، ئۇلار ئۆز بۇزۇقچىلىقىنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېقىپ چۈشكەن يۇلتۇزلارغا ئوخشاش بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھازىرلاپ قويۇلغان قاپقاراڭغۇلۇققا يۈزلىنىدۇ.


يەتتە ئالتۇن چىراغدان ۋە سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ سىرىغا كەلسەك، يەتتە يۇلتۇز يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىلىرى. يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتچىلىكتۇر.


ئۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قۇيرۇقى بىلەن سۈرۈپ، يەر يۈزىگە چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن، ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ، تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالنىڭ ئالدىدا تۇردى.


ئۇ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن: «خۇدادىن قورقۇڭلار! ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى، ئۇنىڭ ئىنسانلارنى سوراق قىلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى. ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە بۇلاقلارنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار!» دەيتتى.


ئۈچىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى دەريا ۋە بۇلاقلارغا تۆكتى. ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى.


ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قاتتىق بوراندا سىلكىنىشىدىن توڭ ئەنجۈرلەر يەرگە تۆكۈلگەندەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ يەر يۈزىگە تۆكۈلدى.


بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، مۆلدۈر بىلەن ئوت قانغا ئارىلاشقان ھالدا ياغدۇرۇلدى. زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيۈپ كەتتى.


بەشىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر يۇلتۇزنى كۆردۈم. تېگى يوق ھاڭغا بارىدىغان لەخمىنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا بېرىلدى.


دەل شۇ يىل، شۇ ئاي، شۇ كۈن ۋە شۇ سائەت ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇلغان بۇ تۆت پەرىشتە ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن باغلاقتىن بوشىتىلدى.


ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرى بۇلارنىڭ ئاغزىدىن پۈركۈلگەن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئاپەتتىن ئۆلدى.


شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئۈچ مىڭ ئادەم ئېتام دېگەن قىيا تاشلىقتىكى ئۆڭكۈرگە كېلىپ، شىمشونغا مۇنداق دېدى: _ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە ئىش تېپىپ بېرىسەن؟ شىمشون ئۇلارغا: _ ئۇلار ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇلارغا شۇنداق قىلدىم، _ دېدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan