1 قوزا يەتتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئەرشتە يېرىم سائەتچە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
ئۇ نامەلۇم روھ توختىدى، ئەمما مەن يۈزىنى كۆرەلمىدىم. بىر سىيما كۆز ئالدىمدا تۇراتتى، ئاۋازىنى جىمجىت تۇرۇپ ئاڭلىدىم:
سەۋر بىلەن سۈكۈت قىلىپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، بىئارام بولمىغىن روناق تاپقان رەزىللەردىن، ھارام پىلانى ئەمەلگە ئاشقانلاردىن.
ئارام تاپار جېنىم پەقەت خۇدادىن، نىجاتلىقمۇ ماڭا پەقەت كېلەر ئۇنىڭدىن.
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدىدۇر، پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ ئالدىدا جىم تۇرسۇن.»
ئەي ئىنسانلار، مېنىڭ ئالدىمدا سۈكۈتتە تۇرۇڭلار! چۈنكى مەن مۇقەددەس ماكانىمدىن قوزغىلىپ كەلمەكتىمەن.»
ئۇلار لەشكەرلەر بىلەن بىللە بېرىپ، تاشنى پېچەتلەپ، قەبرىنى مۇھاپىزەت ئاستىغا ئالدى.
ئاندىن تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدا ھەر ئىككى يۈزىگە خەت يېزىلغان ۋە يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن بىر ئورام يازمىنى كۆردۈم.
ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.
ئاندىن، قوزىنىڭ يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنچىسىنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. شۇ چاغدا، تۆت تىرىك مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.
ئاندىن، قوزىنىڭ ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ۋاقىتتا، زېمىن قاتتىق تەۋرىنىپ، قۇياش بەئەينى قاپقارا كۆمۈرنىڭ، ئاي بولسا قاننىڭ رەڭگىگە كىردى.
قوزا ئىككىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئىككىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.
قوزا ئۈچىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. قارىۋىدىم، بىر قارا ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى.
قوزا تۆتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، تۆتىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.
قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ۋە بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تېگىدە كۆردۈم.