8 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، يۈسۈپ قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى مۆھۈرلەنگەنىدى.
پەرۋەردىگاردىن يەنە بىر ئوغۇل تىلەيمەن!» دەپ، تۇغۇلغان ئوغلىنىڭ ئىسمىنى يۈسۈپ [ئىبرانىي تىلىدىكى «يەنە بەرسۇن» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.
ئاتىسى رەت قىلىپ: _ ئەي ئوغلۇم، مەن بىلىمەن، بىلىمەن. ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ چوڭ ئەل بولىدۇ، لېكىن ئىنىسى ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئىنىسىنىڭ ئەۋلادلىرى روناق تاپقان كۆپ خىل ئەللەرگە ئايلىنىدۇ! _ دېدى.
بىنيامىن قەبىلىسىدىن 35,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
شىمون قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، لاۋىي قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، ئىسساكار قەبىلىسىدىن 12000 كىشى،
ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى.
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى بەيتەل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار بولدى. بۇ چاغدا بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى لۇز ئىدى. ئۇلار شەھەرگە ئايغاقچى ئەۋەتكەنىدى.