4 ئاندىن، مەن مۆھۈرلەنگەنلەرنىڭ سانىنى ئاڭلىدىم. ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن قەبىلىلىرىدىن 000،144 كىشى، يەنى:
شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: _ ئاسمانغا قارا، يۇلتۇزلارنى سانىيالىساڭ ساناپ باق. سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئەنە ئاشۇ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ! _ دېدى.
ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئون ئىككى گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ ئىسمى خۇددى مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويۇلسۇن.
ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ ئىسرائىل زېمىنىنى ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە مۈلۈك قىلىپ بۆلۈپ بېرىڭلار. يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى ئۈلۈش ئالسۇن،
بۇ يەرنى تېرىيدىغان شەھەردىكى ئىشلەمچىلەر بارلىق ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە كىشىلەردۇر.
شەھەر دەرۋازىلىرىغا ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ نامى بېرىلسۇن، شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئۈچ دەرۋازا رۇبېن، يەھۇدا ۋە لاۋىي دەرۋازىلىرى دەپ ئاتالسۇن.
بۇ پەرۋەردىگارنىڭ خادراك زېمىنى ۋە دەمەشق شەھىرىگە قارشى چۈشۈرگەن ۋەھىيسىدۇر. پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ھەم بارلىق ئىسرائىللارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، يېڭى دۇنيا يېتىپ كېلىپ، ئىنسانئوغلى شانلىق تەختىدە ئولتۇرغىنىدا، سىلەر - ماڭا ئەگەشكەنلەر ئون ئىككى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر.
ئۇزۇن ئۆتمەي، چاكار قايتىپ كېلىپ: «خوجايىن، بۇيرۇقىڭىزنى ئادا قىلدىم. يەنە بىرمۇنچە بوش ئورۇن بار!» دەپتۇ.
سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن ھەمداستىخان بولىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر.
بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىكى پۈتۈن قېرىنداشلارمۇ كېچە-كۈندۈز خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇلارغا قىلغان دەل مۇشۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ كەلدى. ئى خان، يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلىشى دەل مانا شۇ ئۈمىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
يەشايا پەيغەمبەرمۇ ئىسرائىللار توغرىسىدا مۇنداق جاكارلىغانىدى: «ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى قۇتقۇزۇلىدۇ.
خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى ياقۇپتىن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تارقالغان، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىيلارغا سالام.
ئاندىن، قوزىنىڭ سىئون تېغى ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ يېنىدا پېشانىسىگە قوزىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى يېزىلغان 000،144 كىشى بار ئىدى.
ھېلىقى 000،144 كىشى تەختنىڭ، تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر ناخشا ئېيتىشتى. بۇ ناخشىنى گۇناھلىرىنىڭ بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدى.
يەھۇدا قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، رۇبېن قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، گاد قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى،
بۇلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرىنىڭ سانى ئىككى يۈز مىليون ئىدى. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ جاكارلانغانلىقىنى ئاڭلىدىم.