ۋەھىيلەر 7:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 «بىز خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پېشانىسىگە مۆھۈر باسقۇچە، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە دەل-دەرەخلەرنى بۇزۇپ تاشلىماڭلار» دەپ ۋارقىرىدى. Faic an caibideil |
ئاندىن، تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ بەلگىسى پېشانىسىگە ۋە قوللىرىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرەتتى.