Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




ۋەھىيلەر 4:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 بىرىنچى مەخلۇق شىرغا، ئىككىنچى مەخلۇق بۇقىغا ئوخشايتتى. ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ يۈزى ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشايتتى. تۆتىنچى مەخلۇق ئۇچۇۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشايتتى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




ۋەھىيلەر 4:7
20 Iomraidhean Croise  

يەھۇدا دۈشمىنىگە ياش شىردەك ئېتىلىدۇ. ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كېلىدۇ ئۇۋىسىغا. سوزۇلۇپ ياتسا ئۇۋىسىدا، كىممۇ جۈرئەت قىلار ئويغىتىشقا؟


سائۇل بىلەن يوناتان قەدىردان ۋە ئېسىل ئادەملەر ئىدى. ھايات چېغىدىمۇ، ئۆلگەندىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى. ئۇلار بۈركۈتتىنمۇ چاققان، شىردىنمۇ كۈچلۈك ئىدى!


كۆپىيەر ھۆكۈمدارلار گۇناھ كۆپەيسە يۇرتتا، مۇقىملىق داۋاملىشار دانا ۋە بىلىملىك ھۆكۈمدار بولغاندا.


ئەمما پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈپ، ئۈمىد كۈتكەن كىشىلەرنىڭلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قاقىدۇ. توختىماي يۈگۈرسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، قانچىلىك يول ماڭسىمۇ چارچىمايدۇ.


بۇ تۆت مەخلۇقنىڭ يۈزلىرى تۆۋەندىكىدەك ئىدى: ئالدىدىن قارىسا ئادەمگە، ئوڭ تەرىپىدىن قارىسا شىرغا، سول تەرىپىدىن قارىسا بۇقىغا، ئارقىسىدىن قارىسا بۈركۈتكە ئوخشايتتى.


تۆت قانىتىنىڭ ئاستىدا ئادەمنىڭكىدەك قوللىرى بار ئىدى. تۆت يۈزلۈك ۋە تۆت قاناتلىق بۇ تۆت مەخلۇقنىڭ


ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆتتىن يۈزى بار ئىدى. بىرىنچىسى ئۆزىنىڭ ئەسلى يۈزى ئىدى، ئىككىنچىسى ئادەمنىڭ يۈزىگە، ئۈچىنچىسى شىرنىڭ يۈزىگە، تۆتىنچىسى بۈركۈتنىڭ يۈزىگە ئوخشايتتى.


ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆتتىن يۈزى، تۆتتىن قانىتى، قاناتلىرىنىڭ ئاستىدا بىردىن ئادەمنىڭكىدەك قولى بار ئىدى.


بىرىنچىسى شىرغا ئوخشايتتى، ئەمما بۈركۈتنىڭكىدەك قانىتى بار ئىدى. مەن كۆزىتىپ تۇرغىنىمدا، ئۇنىڭ قاناتلىرى يولۇۋېتىلدى. ئۇنى يۆلىگەنىدى، ئۇ خۇددى ئادەمدەك ئىككى پۇتى بىلەن ئۆرە تۇردى. ئۇنىڭغا ئىنساندەك ئويلايدىغان ئىقتىدار بېرىلگەنىدى.


لېكىن سەن بۈركۈتتىن ئېگىز ئۇچۇپ، يۇلتۇزلار ئارىسىغا ئۇۋا سالساڭمۇ، مەن يەنىلا سېنى ئۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.


بۇ خەلق ئانا شىرغا ئوخشاش ئېتىلىدىكەن، خۇددى ئەركەك شىردەك سەكرىيەلەيدىكەن، ئولجىسىنى يېمىگۈچە بولدى قىلمايدىكەن، ئولجىسىنىڭ قېنىنى ئىچمىگۈچە ئارام ئالمايدىكەن.»


ئۇلار سوزۇلۇپ ياتقان ئەركەك شىرغا ھەم چىشى شىرغا ئوخشايدىغان تۇرسا، كىممۇ ئۇلارنى ئويغىتىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن؟ ئۇلارغا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي، ئۇلارنى قارغىغانلار قارغىشقا قالغاي.»


قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار، لېكىن بۇ ئىشلارغا كەلگەندە ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن.


پەرۋەردىگار بىر ئەلنى ناھايىتى يىراقتىن ئاتلاندۇرىدۇ. ئۇلار خۇددى بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيسىلەر.


تەختنىڭ ئالدىدا يەنە خۇددى خرۇستالدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، ئەينەكتەك سۈزۈك دېڭىزغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. تەختنىڭ ھەربىر تەرىپىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئالدى ۋە كەينىدە نۇرغۇن كۆزلىرى بار تۆت تىرىك مەخلۇق تۇراتتى.


قوزا ئىككىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئىككىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.


قوزا ئۈچىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. قارىۋىدىم، بىر قارا ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى.


قوزا تۆتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، تۆتىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan