ۋەھىيلەر 3:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 قارا، شەيتان گۇرۇھىدىكىلەرگە، ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ئەمەس ئالدامچىلارنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلار كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا يىقىلىدۇ ۋە مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى كۆرىدۇ. Faic an caibideil |
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «مىسىرنىڭ بايلىقى ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ مال-مۈلۈكى سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. بويلىرى ئېگىز سىبالىقلار سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىدۇ. ئۇلار قوللىرىدىكى كىشەنلىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردىن ماڭىدۇ. ئۇلار سىلەرگە باش ئېگىپ: ‹خۇدا سىلەرگە يار بولدى، ئۇ بىردىنبىر خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!› دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.»