Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




ۋەھىيلەر 21:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم، چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن غايىب بولغانىدى. دېڭىزمۇ يوقالغانىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




ۋەھىيلەر 21:1
13 Iomraidhean Croise  

شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر، زور قۇدرەتلىك قىلىچى بىلەن يۈگۈرۈك يۆگىمەچ يىلان لىۋياتاننى جازالايدۇ. ئۇ، قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقى لىۋياتاننى ئۆلتۈرىدۇ.


پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ، شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى باشلىرىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.


لېكىن، رەزىللەر خۇددى چايقىلىۋاتقان دېڭىزدەك تىنچىمايدۇ. تىنچىماي چايقىلىۋاتقان سۇلاردىن پاسكىنا نەرسىلەر ۋە لاتقىلار ئېتىلىپ چىقىدۇ.


مەن ياراتقان يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ۋە نامىڭلارمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


تۇيۇقسىز دېڭىزدىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان غايەت چوڭ تۆت مەخلۇق چىقىپ كەلدى.


لېكىن، رەببىمىز ئەيسا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈننىڭ كېلىشى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ. ئۇ كۈنى پۈتۈن ئاسمان قاتتىق گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى كۆيۈپ تۈگەيدۇ. زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ گۇمران بولىدۇ.


لېكىن، بىز خۇدا ۋەدە قىلغان يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. ئۇ يەردە پەقەت ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغانلارلا ياشىيالايدۇ.


ئاندىن، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ دېڭىزدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا خۇداغا كۇپۇرلۇق كەلتۈرىدىغان ئىبارە يېزىلغانىدى.


ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، غايىب بولدى.


بۇ چاغدا، تەختتە ئولتۇرغۇچى مۇنداق دېدى: «مانا، ھەممىنى يېڭىلايمەن!» ئۇ ماڭا يەنە: «بۇلارنى خاتىرىلىۋال، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە ھەقتۇر» دېدى.


ئاسمان خۇددى ئورام يازمىدەك ئورىلىپ غايىب بولدى، پۈتكۈل تاغلار ۋە ئاراللار ئورنىدىن يۆتكەلدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan