ۋەھىيلەر 2:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 شۇنىڭ ئۈچۈن، قانچىلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىڭغا نەزەر سال! توۋا قىل ۋە دەسلەپكى ئەمەلىيىتىڭنى ئەسلىگە كەلتۈر. ئەگەر توۋا قىلمىساڭ، مەن كېلىپ چىراغدىنىڭنى ئورنىدىن ئېلىپ كېتىمەن. Faic an caibideil |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەسلەپ ئىسرائىللارنى تاپقاندا، خۇددى چۆللۈكتە ئۈزۈم تاپقاندەك بولغانىدىم، ئەجدادلىرىڭلارنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندە، خۇددى ئەنجۈر دەرىخىدىكى تۇنجى پىشقان ئەنجۈرلەرنى كۆرگەندەك بولغانىدىم. لېكىن ئۇلار بائال-پىئورغا كەلگەندە، ئۆزلىرىنى ئادەمنى نومۇس قىلدۇرىدىغان بۇتقا بېغىشلاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ئاشۇ بۇتقا ئوخشاش يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى.
ئۇ خۇدا تەرىپىدىن خۇددى ئىلياس پەيغەمبەرگە ئاتا قىلىنغاندەك روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتكە تولغان ھالدا، ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچىدىن ئاۋۋال ئەۋەتىلىپ، ئاتا بىلەن بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېڭىۋاشتىن ئىناقلاشتۇرۇپ، خۇداغا بويسۇنمايدىغانلارنى ئادىللارنىڭ ئاقىلانە يوللىرىغا قايتۇرۇپ، خەلقنى رەببىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەييار قىلىدۇ، - دېدى.
مۇشۇنداق بولغاندا، ھېچكىم سىلەرنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ. سىلەرمۇ بۇ چىرىكلىشىپ، رەزىللىشىپ كەتكەن ئىنسانلار ئارىسىدا خۇدانىڭ قۇسۇرسىز، پاك پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر ھەمدە ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگىنىڭلاردا، بۇ زۇلمەتلىك دۇنيادا خۇددى چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارغا ئوخشاش چاقناپ تۇرىسىلەر. مانا شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پۈتۈن خىزمىتىم ۋە ئەجرىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن پەخىرلىنەلەيمەن.