4 يىگىرمە تۆت يېتەكچى ۋە تۆت تىرىك مەخلۇق يەرگە باش قويۇپ: «ئامىن! ھەمدۇسانا!» دەپ، تەختتە ئولتۇرغان خۇداغا سەجدە قىلىشتى.
مەدھىيەلەنگەي ئەبەدىلئەبەد، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار! ئاندىن كېيىن پۈتۈن خالايىقلار «ئامىن» دېيىشىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى.
ئاندىن كېيىن تونۇمنىڭ پېشىنى قېقىپ: _ خۇدا ۋەدىسىدە تۇرمىغانلارنى مۇشۇنداق قېقىپ، ئۇلارنى ئۆي-ماكانىدىن ۋە بېساتىدىن ئايرىسۇن، _ دېدىم. جامائەتنىڭ ھەممىسى: «ئامىن!» دېدى ۋە پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى. ئۇلار ۋەدىسىدە تۇردى.
ئۇ پەرۋەردىگار بولغان ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلىگەندە، پۈتۈن جامائەت قوللىرىنى كۆتۈرۈپ: «ئامىن! ئامىن!» دېيىشتى. كېيىن ئۇلار تىزلىنىپ، باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ سەجدە قىلىشتى.
گۇناھكارلار يەر يۈزىدە قالمىغاي، رەزىللەر زاۋال تاپقاي. ھەمدۇسانا ئېيتقىن ئەي قەلبىم پەرۋەردىگارغا، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ھەممىڭلار ئۇنىڭغا.
مەدھىيەلەنگەي مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار! خالايىقلار «ئامىن» دېسۇن بىرلىكتە! پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!
مەدھىيەلەر بولغاي پەرۋەردىگارغا، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا، مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە! ئامىن، ئامىن!
مەڭگۈگە تەرىپلەنگەي ئۇنىڭ نام-شەرىپى، پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلىغاي شان-شەرىپى. ئامىن، ئامىن!
پەرۋەردىگارغا مەڭگۈ ھەمدۇسانالار بولغاي! ئامىن، ئامىن!
مۇنداق دېدى: _ شۇنداق بولسۇن! پەرۋەردىگار شۇنداق قىلغاي! پەرۋەردىگار بېشارەتلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي. پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىسىدىن بابىلغا ئېلىپ كېتىلگەن بارلىق قىممەتلىك بۇيۇملارنى ۋە ئۇ يەرگە سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى بۇ جايغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەي.
ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن. بىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. »
ئەگەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزۈڭگە نامەلۇم بولغان بۇنداق تىلدىلا خۇداغا شۈكۈر ئېيتساڭ، جامائەتچىلىك سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمەي، ئېيتقان شۈكۈر دۇئالىرىڭغا قانداقمۇ: «ئامىن» دېيەلىسۇن؟
تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «ھەمدۇسانا! نىجاتلىق، ئۇلۇغلۇق ۋە قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەنسۇپتۇر.
ئۇلار يەنە: «ھەمدۇسانا! پاھىشىنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى پۇرقىرايدۇ ئەبەدىلئەبەد!» دېيىشتى.
ئاندىن، سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ۋە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ھۆكۈمراندۇر.
تۆت تىرىك مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، يېتەكچىلەر يەرگە باش قويۇپ، تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا سەجدە قىلاتتى.