Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




ۋەھىيلەر 15:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ ناخشىسىنى ھەم قوزا ھەققىدىكى ناخشىنى ئېيتىشاتتى: «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، قىلغانلىرىڭ ئۇلۇغ ۋە كارامەتتۇر. ئى پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ پادىشاھى، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




ۋەھىيلەر 15:3
49 Iomraidhean Croise  

ئىبرام 99 ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زاھىر بولۇپ: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن داۋاملىق مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، قۇسۇرسىز ئادەم بولغىن.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىلا روھانىي بولۇپ، ئۇلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق سالاتتى. ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان بۇ جايدىكى ھەممە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلاتتى.


پادىشاھ يوئاش باش روھانىي يىھويادانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن سورىدى: _ سىز نېمىشقا لاۋىيلارنى يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىن سېلىق يىغىشقا بۇيرۇمايسىز؟ ئىسرائىل خەلقىنىڭ سېلىق تاپشۇرۇشىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە بۇيرۇغانىدى. يىغىلغان سېلىقلارنى ئەھدە چېدىرى ئۈچۈن ئىشلىتەتتى.


سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭگە بېغىشلانغان دەم ئېلىش كۈنىنى بىلدۈردۈڭ ھەمدە خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىڭنى ئېلان قىلدىڭ.


سەن ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ماختاشنى ئۇنتۇما، كىشىلەر ئۇنىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقاندۇر.


ئۇ مۆلچەرلىگۈسىز چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. سان-ساناقسىز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ.


بەرھەق، پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ساداقەتلىكتۇر.


ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى.


ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغانلىرى، بۇنى تىلغا ئېلىشار ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلگەنلىرى.


ئۇ ئادىل، ۋاپادار ھەربىر ئىشىدا، ئىشەنچ باردۇر يوليورۇقلىرىدا.


شۈكۈر-رەھمەت ئېيتىمەن ساڭا، چۈنكى قالتىس، ئالامەت ياراتتىڭ مېنى. شۇنچە كارامەت ئىجادىيەتلىرىڭ، ياخشى بىلىمەن قەلبىمدە بۇنى.


پەرۋەردىگار ھەممە ئىشتا ئادىلدۇر، ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر.


داستان بولۇپ تارالغان كاتتا ئىشلىرىڭ تىللاردا، مەنمۇ بايان ئەيلەيمەن ئۇلۇغلۇقىڭنى دائىما.


خۇدانىڭ يولى مۇكەممەل يولدۇر، ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ھەقىقەتتۇر. پاناھ ئىزدىگۈچىلەرگە خۇدا بىر قالقاندۇر.


مىسىردىكى زوئان دالالىرىدا، كۆرسىتىلگەنىدى مۆجىزە ئەجدادلىرىمىزغا.


ئى پەرۋەردىگار، نەقەدەر بۈيۈك سېنىڭ مۆجىزىلىرىڭ. شۇنچىلىك يۈكسەك، نىيەت، مەقسەتلىرىڭ.


ئى ئادالەت سۆيگۈچى قۇدرەتلىك شاھىمىز _ خۇدا، ئادىللىقنى ئورناتقانتىڭ ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئارىسىغا، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئەمەلگە ئاشقانىدى ئۇلاردا.


پەرۋەردىگار بىزنىڭ سوتچىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھۆكۈمرانىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ.


نېمە ئاساسىڭلار بار؟ ئېيتىڭلار! سىلەر ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ بېقىڭلار. كىم سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەردى؟ بىرەر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەنمۇ؟ ياق! بېشارەت بەرگەن مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟! مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر. مەن ھەققانىي خۇدا ۋە قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن. مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.


ئۇ شىر سولانغان ئورەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئەنسىرەش ئاۋازى بىلەن: _ ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ خىزمەتكارى! سېنىڭ ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزۇۋالدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.


بارلىق ئىسرائىللار سېنىڭ قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدى ۋە يولۇڭدىن چەتنىدى. سۆزۈڭنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى قارغىشلار ۋە قەسەملەر ئۆتكۈزگەن گۇناھىمىز سەۋەبىدىن بېشىمىزغا كەلدى.


دانالار بۇ ئىشلارنى چۈشەنسۇن، ئەقلى بارلار بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يولى ھەق يولدۇر. ھەققانىيلار بۇ يولدا ماڭار، گۇناھكارلار ئۇنىڭدا پۇتلىشىپ يىقىلار.


سەن قەدىمدە ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىڭدەك، ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىشەنچىڭنى كۆرسىتىسەن، ئىبراھىم ئەۋلادلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت بېغىشلايسەن.


پەرۋەردىگار يەنىلا ئادالەتلىكتۇر، ئۇ يېرۇسالېمدىدۇر. ئۇ ئادالەتسىز ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ھەر كۈنى ھەقىقەتنى ئۈزۈپ قويماي نامايان قىلسىمۇ، لېكىن ئادالەتسىزلەر نومۇس قىلمايدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شادلان ئەي سىئون قىزى! چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم! مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر. ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر.


چۈنكى، تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.


ئاندىن مۇسا تۆۋەندىكى مۇناجاتنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە ئوقۇپ بەردى.


مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى جاكارلايمەن، سىلەر خۇدايىمىزنىڭ بۈيۈكلۈكىنى مەدھىيەلەڭلار.


خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇسا موئابتا ۋاپات بولدى.


بارلىق ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپتۇر. ئۇ مەڭگۈلۈك پادىشاھ، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر خۇدادۇر، ئامىن!


مۇسا پەيغەمبەر بىر خىزمەتكار بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ ئائىلىسىدە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ خىزمىتى بولسا خۇدانىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاشكارىلىماقچى بولغان ھەقىقەتلىرىگە زېمىن ھازىرلاشتىن ئىبارەت ئىدى.


مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بارلىق كۆرسەتمىسى ۋە بۇيرۇقلىرىغا چوقۇم ياخشى ئەمەل قىلىڭلار! پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن يولىدا مېڭىڭلار، ئەمرلىرىگە بويسۇنۇڭلار، ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭلار بىلەن خىزمەت قىلىڭلار! _ دېدى.


پەرۋەردىگار خۇدا دەيدۇكى: «باش ۋە ئاخىر ئۆزۈمدۇرمەن. ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم مەڭگۈ بار بولغۇچىمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن.»


«ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، شۈكۈرلەر بولسۇن ساڭا. چۈنكى، ئۇلۇغ قۇدرىتىڭ بىلەن، ھۆكۈمۈڭنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدىڭ.


ھېلىقى 000،144 كىشى تەختنىڭ، تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر ناخشا ئېيتىشتى. بۇ ناخشىنى گۇناھلىرىنىڭ بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدى.


ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن ئىككىنچى پەرىشتە مۇنداق دېدى: «گۇمران بولدى! ئۆز زىناسىنىڭ كۈچلۈك شارابىنى پۈتكۈل خەلقلەرگە ئىچكۈزگەن كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى!»


دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا غەلىبە قىلىدۇ، چۈنكى قوزا رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتىكىلەر چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر.


ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسىدا «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نامى يېزىلغانىدى.


چۈنكى، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر. ئۇ يەر يۈزىنى ئۆز زىناسى بىلەن بۇزغان داڭلىق پاھىشىنى سوراققا تارتىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى» دېيىشەتتى.


تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى، ھەتتا قانات ئاستىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز تىنماي مۇنداق دېيىشەتتى: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر، ئەزەلدىن بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!»


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan