ۋەھىيلەر 11:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 دۇنيانىڭ رەببى ئالدىدا تۇرغان ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى ۋە ئىككى چىراغدان مانا شۇ گۇۋاھچىلاردۇر. Faic an caibideil |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون خەلقى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، دۈشمىنىڭلارنى يانجىڭلار! سىلەرگە تۆمۈر مۈڭگۈز، تۇچ تۇياق ئاتا قىلىمەن، سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى يانجىپ، ۋەيران قىلىسىلەر. ئۇلارنىڭ بايلىقىنى، يەنى ناتوغرا يول بىلەن توپلىغان بايلىقىنى مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىگە ھەدىيە قىلىسىلەر.»
خۇددى ياۋا زەيتۇن دەرىخىنىڭ شاخلىرى باغدىكى شاخلىرى سۇندۇرۇۋېتىلگەن زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغانغا ئوخشاش، يەھۇدىي ئەمەس سىلەرمۇ سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلارنىڭ، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئورنىغا ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ئۇلاندىڭلار. دېمەك، سىلەر بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغان بەختتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر.