10 كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم، ئاغزىمدا ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى. لېكىن، ئۇنى يۇتقىنىمدا مەيدەم ئېچىشىپ كەتتى.
ئويلىرىمدىن خۇدا رازى بولغاي، چۈنكى پەرۋەردىگاردىن بولدۇم خۇشال،
كالامىڭ شېرىن تېتىدى تىلىمغا، ھەسەلدىن تاتلىق تۇيۇلدى ئاغزىمغا.
قىممەتتۇر ئۇلار ئالتۇندىن، ھەتتا بارچە ساپ ئالتۇندىن، شېرىندۇر ھەسەلدىن، ھەتتا ھەرە كۆنىكىدىن تامچىغان ھەسەلدىن.
يېقىملىق سۆزلەر گويا ھەسەلدۇر، جانغا راھەت، تەنگە شىپادۇر.
ئۇ قول ئورام يازمىنى ئالدىمدا ئاچتى، ئورام يازمىنىڭ ھەر ئىككىلا يۈزى ھەسرەت، قايغۇ ۋە ماتەم سۆزلىرىگە تولغانىدى.
روھ مېنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. ئىچىم سىقىلىپ، ئاچچىقلاندىم. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى مېنى قاماللىۋالغانىدى.
ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ساڭا بەرگەن بۇ يازمىنى يە، ئۇنىڭ بىلەن قورسىقىڭنى تويدۇر، _ دېدى. مەن يازمىنى يېدىم، يازما ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى.
كېيىن، پەرىشتە ماڭا: - سەن خۇدانىڭ كۆپ مىللەتلەر، خەلقلەر، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىيلىرىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىشىڭ لازىم، - دېدى.
مەن بېرىپ، پەرىشتىنىڭ كىچىك ئورام يازمىنى ماڭا بېرىشىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا: - بۇنى ئېلىپ يە! ئاغزىڭدا ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ، بىراق مەيدەڭنى ئېچىشتۇرىدۇ، - دېدى.