ۋەھىيلەر 1:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 مەن قېرىندىشىڭلار يۇھاننامەن. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتكە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋە سەۋر-تاقەتكە ئورتاقمىز. خۇدانىڭ سۆزى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقىنى تارقاتقانلىقىم ئۈچۈن، بىر مەزگىل پاتموس ئارىلىدا مەھبۇس بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىم. Faic an caibideil |
مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم توغرا، دەپ قارايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىن ئالغان ئورنۇڭلار ناھايىتى مۇھىم. مەيلى مەن زىنداندا كىشەنلىنىپ ياتقان ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى سىرتتا خۇش خەۋەرنى قوغداپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقتىمدا بولسۇن، ھەممىڭلار مەن بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇڭلار.
ھازىر مەن ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىگە بىر ئېغىز سۆز قىلماقچىمەن. چۈنكى، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر يېتەكچى ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ نامايان قىلىدىغان شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولغۇچىمەن. يېتەكچى سۈپىتىمدە سىلەر يېتەكچىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى،
ئاندىن، تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ بەلگىسى پېشانىسىگە ۋە قوللىرىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرەتتى.