5 بەختلىكتۇر سادىقىنى تولدۇرغانلار مۇشۇنداق ئوقلارغا، چۈنكى ئۇلار مۇنازىرىلەشكەندە شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا، يېڭىلىپ، شەرمەندە بولماس قارشىلاشقانلارغا.
ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئوغلى ئەفرايىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى. يۈسۈپ ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆز پەرزەنتلىرى قاتارىدا قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز پەرزەنتى بار ئىدى.
ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى بىخەتەرلىكتىن تولىمۇ يىراقتا ئىدى، ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىدا سوتقا چىققاندا بوزەك قىلىنسىمۇ، ھېچكىم قۇتقۇزۇۋالمىدى.
خۇدادۇر قىساس ئېلىپ بەرگۈچى ماڭا، بويسۇندۇرغۇچىدۇر خەلقلەرنى قول ئاستىمغا.
ئەي ئوغلۇم، دانالىق تاپ، كۆڭلۈمنى چۆمدۈر خۇشاللىققا، شۇندا جاۋاب قايتۇرالايمەن مېنى تەنقىد قىلغانلارغا.