3 ئۆمرۈم مېنىڭ ئىس-تۈتەكتەك كەتمەكتە غايىب بولۇپ، ۋۇجۇدۇم ئۆرتەنمەكتە ئوتتەك كۆيۈپ.
قارايغان تېرىلىرىم تۆكۈلمەكتە، ئۇستىخانلىرىم ئوت بولۇپ كۆيمەكتە.
ئوخشاپ قالساممۇ گەر ئىستا قۇرىغان كېرەكسىز تۇلۇمغا، ھەر دەم چىڭ ساقلىدىم پەرمانلىرىڭنى يادىمدا.
قاچۇرمىغىن مېنىڭدىن دىدارىڭنى، تاشلىمىغىن غەزىپىڭدە مەن قۇلۇڭنى. بولۇپ كەلدىڭ ئى خۇدا، مەدەتكارىم، تەرك ئەتمە، تاشلىما مېنى، نىجاتكارىم.
ئۇپرىماقتا ھەسرەت بىلەن ھاياتىم، غەم-قايغۇدا تۈگىمەكتە يىللىرىم، ماغدۇرۇم كەتمەكتە گۇناھلىرىم دەستىدىن، قۇرۇپ، قاقشال بولماقتا ئۇستىخان، يىلىكلىرىم.
بەرھەق، قورام تېشىم، قورغىنىمدۇرسەن مېنىڭ، يېتەكلە مېنى ئۆزۈڭ، ھۆرمىتى ئۈچۈن نامىڭنىڭ.
بىراق ھالاك بولار رەزىللەر، پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرى ياۋا گۈلدەك توزۇپ تۈگەر، ئىس-تۈتەكتەك غايىب بولۇپ، يوقاپ كېتەر.
غەزىپىڭدىن يۈرەك-باغرىم يارا بولدى، گۇناھىمدىن تېنىم مېنىڭ پارە بولدى.
ئۇ پەلەكتىن ئوت چۈشۈرۈپ، كۆيدۈردى سۆڭەكلىرىمنى. تۇزاق قۇرۇپ يولۇمغا، قايتۇردى مېنى ئارقامغا. ئۇ مېنى مەھكۇم قىلدى تەنھالىققا، ئۈزلۈكسىز ئېچىنىشلىق ئازابقا.
شەلۋەرەتتى ئەت ۋە تېرەمنى، سۇندۇردى ئۇستىخانلىرىمنى.
ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار خۇددى بىر دەمدىلا پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان تۇمانغا ئوخشايدۇ.