Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




زەبۇر 102:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 يوشۇرمىغىن دىدارىڭنى مەندىن خۇدا كۈلپەتتە قالغىنىمدا، نىدا قىلسام قۇلاق سېلىپ تېزدىن جاۋاب بەرگىن ماڭا.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




زەبۇر 102:2
21 Iomraidhean Croise  

ئەگەر خۇدا سۈكۈتتە تۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى تەنقىد قىلالايدۇ؟ ئەگەر ئۇ دىدارىنى يوشۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى كۆرەلەيدۇ؟ لېكىن ئۇ مەيلى بىر ئادەم، مەيلى بىر خەلق بولسۇن، ئۇ ھەممىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ،


نىچۈن قىلمىشلىرىمنى كەچۈرۈم قىلىپ، گۇناھلىرمنى ساقىت قىلمايسەن؟ تېنىم تۇپراققا بەخشەندە بولغاندا، مېنى ئىزدىسەڭمۇ تاپالمايسەن.»


دەككە-دۈككىگە چۈشەر ئۇلار جامالىڭنى يوشۇرغىنىڭدا، جان ئۈزۈپ قارا يەرگە قايتار، نەپەسلىرىنى توختاتقىنىڭدا.


ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتارسەنمۇ مەڭگۈ مېنى؟ يوشۇرارسەن قاچانغىچە مەندىن يۈزۈڭنى؟


ماڭا تېزدىن جاۋابىڭنى بەرگىنە پەرۋەردىگار، بولمىسا ئۈمىدلىرىم بەربات بولۇپ ھالىم كېتەر، ئۆتۈنەي، دىدارىڭنى يوشۇرمىغىن مەندىن زىنھار. بولمىسا تېنىم مېنىڭ گۆردە بولار.


ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن ساڭا قىلغان دەۋايىمغا، ئېتىبار قىلغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا، كۆڭۈل قويغىن چىن، سەمىمىي دۇئايىمغا.


ئى پەرۋەردىگار، مېنى تاشلاپ كەتمە يىراققا، مەدەتكارىم خۇدا تېزدىن ياردەم قىلغىن ماڭا.


قاچۇرمىغىن مېنىڭدىن دىدارىڭنى، تاشلىمىغىن غەزىپىڭدە مەن قۇلۇڭنى. بولۇپ كەلدىڭ ئى خۇدا، مەدەتكارىم، تەرك ئەتمە، تاشلىما مېنى، نىجاتكارىم.


قۇتقۇز تېزدىن مېنى، قۇلاق سېلىپ ئاھىمغا، پاناھلىناي مەن سەندە، قورام تاش بولغىن ماڭا، قۇتقۇزۇشقا جېنىمنى قورغان بولۇپ بەرگىن ماڭا.


ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى يەتكۈزۈپ ئىلتىپاتىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، تېزدىن ماڭا بەرگىن ياردىمىڭنى.


جامالىڭنى مەن قۇلۇڭدىن يوشۇرمىغىن، چۈنكى ئېغىر كۈن چۈشتى مېنىڭ بېشىمغا. ئى ئىلاھىم، ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگىن.


ئى پەرۋەردىگار، تېزرەك ياردەم قىلىپ ماڭا، قۇتقۇز مېنى ئى خۇدا.


قۇتقۇزغىن مېنى ئۆز ھەققانىيلىقىڭدا، قۇتۇلدۇر مېنى قۇلاق سېلىپ ئاھلىرىمغا.


ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىمۇ ئۆلدى. لېكىن ئىسرائىللار يەنىلا ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن قاتتىق ئازاب چېكىۋاتاتتى. ئۇلار خۇدادىن ياردەم تىلەپ، نالە-پەرياد كۆتۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى خۇداغا يەتتى.


خۇدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.


سىلەر چوڭقۇر سۇلارنى كېچىپ ئۆتكىنىڭلاردا، مەن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. سىلەر دەريالارنى كەزگىنىڭلاردا، شىددەتلىك ئېقىم سىلەرنى ئېقىتىپ كېتەلمەيدۇ. ئوت ئىچىدە يۈرگىنىڭلاردا، سىلەر كۆيۈپ كەتمەيسىلەر. سىلەرگە ئوت تۇتاشمايدۇ.


ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن.


مەن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى رەت قىلغان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن، مەن ئۈمىدىمنى ئۇنىڭغا باغلىدىم.


سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارغا باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. خۇدا ئىشەنچلىكتۇر! ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرىش چېكىڭلاردىن ھالقىغان سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ. خۇدا سىلەرنىڭ سىناققا دۇچ كەلگەندە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan