Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 بۇنى بىرەر ئېھتىياجىم تۈپەيلىدىن ئېيتىۋاتقىنىم يوق، چۈنكى مەن ھەرقانداق ئەھۋالدا بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4:11
13 Iomraidhean Croise  

ئاندىن ئۇ خۇداغا قەسەم قىلىپ: _ ئەگەر سەن ماڭا يار بولۇپ، سەپىرىمدە مېنى قوغداپ، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئاتا قىلىپ،


مۇسا رەئۇلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى. رەئۇل قىزى زىپپورانى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى.


بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن: - بىزچۇ؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سوراشتى. يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - باشقىلارنىڭ پۇلىنى زورلۇق ياكى تۆھمەتلەر بىلەن ئېلىۋالماڭلار. ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، - دېدى.


خىزمىتىمنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىدىم. تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تېتىدىم. يەيدىغانغا تاماق، كىيىدىغانغا كىيىم تاپالماي، ئاچ-يالىڭاچ قالدىم.


قايغۇ-ئەلەمدە بولساقمۇ، ھەمىشە شاد-خۇراممىز. نامرات بولساقمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى روھىي جەھەتتە باي قىلىۋاتىمىز. ھېچ نەرسىمىز يوق بولسىمۇ، ھەممىگە ئىگىمىز.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نەقەدەر مېھىر-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەر ئۈچۈن نامرات بولدى. مەقسەت، ئۆزى نامرات بولۇش ئارقىلىق سىلەرنى روھىي جەھەتتىن باي قىلىش ئىدى.


خۇدا سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرۇشقا قادىردۇر. شۇنداق بولغاچقا، ھەر دائىم، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئېھتىياجىڭلار قاندۇرۇلۇپ، باشقىلارغا خەير-ساخاۋەتلىك بولالايسىلەر.


مەن قەتئىي شۇنداق قارايمەنكى، رەببىم ئەيسا مەسىھنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ئالدىدا ھەرقانداق ئىش قەدىرسىزدۇر. ئەيسا مەسىھنى تونۇپ يېتىشىم ۋە ئۇنىڭغا زىچ باغلىنىشىم ئۈچۈن، ھەممىنى تاشلىۋەتتىم ھەمدە ئۇلارنى ئەخلەت، دەپ قارايمەن. ئەمدى مېنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بولدى. چۈنكى بۇ ھەققانىيلىق ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن كەلدى.


مەھبۇس ئېتىقادچىلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار. مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ گۈزەل، باقىي بايلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلگەچكە، خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىڭلار.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan