فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 2:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى19 رەببىمىز ئەيسا خالىسا، تىموتىينى يېقىندا يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۆزئارا ئەھۋالىمىزنى ئۇقۇشۇپ، كۆڭلىمىز ئارام تاپىدۇ. Faic an caibideil |
ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك ۋە ئىشەنچلىك بولغان تىموتىينى مۇشۇنداق قىلىشىڭلارغا ياردەم بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ سىلەرگە مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يېڭى ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئەسلىتىدۇ. بۇ دەل مېنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتچىلىككە ئۆگەتكەنلىرىم بىلەن بىردەك.
ھازىرقى بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان بۇ خۇش خەۋەرنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەنئۇشبۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى ╟ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن╚ دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ..