Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ھەر قېتىم سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمدا، قەلبىم خۇرسەنلىككە تولۇپ تاشىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:4
14 Iomraidhean Croise  

كېچە-كۈندۈز مازارلىق ۋە دالالاردا ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى. ئۆز-ئۆزىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇراتتى.


مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ھەربىر گۇناھكارنىڭ توۋا قىلغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.


مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلغان بىر گۇناھكار ئۈچۈن بولىدىغان ئەرشتىكى خۇرسەنلىك توۋا قىلىشى ھاجەتسىز بولغان توقسان توققۇز ئادىل كىشى ئۈچۈن بولىدىغان ئەرشتىكى خۇرسەنلىكتىن چوڭ بولىدۇ.


مەن چىن قەلبىم بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدا مېنىڭ ئۆز ئوغلى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا سىلەرنى دۇئالىرىمدا دائىم ئەسلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىمغا گۇۋاھتۇر. خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشىم ئۈچۈن، ئاخىر بىر پۇرسەتنىڭ بولۇشىنى ئۇنىڭدىن تىلەيمەن.


شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئوخشاش ئوي-پىكىر، ساپ مېھىر-مۇھەببەت ۋە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار. شۇنداق بولغاندا، مېنى خۇشاللىققا چۆمدۈرىسىلەر.


چۈنكى، سىلەرگە كۆپ قېتىم ئېيتقىنىمدەك، ھازىرمۇ كۆز ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۇرۇپ شۇنى قايتا ئېيتىمەنكى، ئۆزلىرىنى ئېتىقادچى دەۋالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىدەك يۈرمەكتە.


ئەي سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، مەن سىلەرنى سۆيىمەن، سىلەرنى كۆرۈشكە شۇ قەدەر تەشنامەن! سىلەر مېنىڭ خۇشاللىقىم ھەم پەخرىمسىلەر. رەببىمىزگە بولغان ئېتىقادىڭلاردا قىلچە تەۋرەنمەڭلار.


چۈنكى، مەن سىلەر بىلەن بىر يەردە بولمىساممۇ، قەلبىم دائىم سىلەر بىلەن بىللە. سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، خۇرسەن بولماقتىمەن.


بىز دۇئالىرىمىزدا سىلەر ئۈچۈن دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، سىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتىمىز.


قېرىندىشىم، سېنىڭ ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ماڭا زور خۇشاللىق ۋە رىغبەت ئېلىپ كەلدى. چۈنكى، سەن ئېتىقادچىلارنىڭ روھىنى كۆتۈردۈڭ.


پەرزەنتلىرىڭىزدىن بەزىلىرىنىڭ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن ئالغان ئەمر بويىچە ھەقىقەت يولىدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan