23 تەڭلىكتە قالدىم. بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، چۈنكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش يوقتۇر، ئەلۋەتتە.
داۋۇت گادقا مۇنداق دېدى: _ مەن ئېغىر ئەھۋالدا قالدىم. قانداقلا بولمىسۇن، بىز ئىنسانلارنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەيلى. چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىكتۇر.
ھەققانىيلىقىم بىلەن يۈزۈڭنى كۆرەرمەن، ئويغانغىنىمدا دىدارىڭغا قانارمەن.
لېكىن خۇدا ئۆز يېنىغا تارتار مېنى، گۆر ئازابىدىن خالاس قىلىپ جېنىمنى. سېلاھ
مەن ئالدى بىلەن ئازابلىق «چۆمۈلدۈرۈش»~تىن ئۆتۈشۈم كېرەك. بۇ چۆمۈلدۈرۈش ئەمەلگە ئاشقۇچە ئىنتايىن قىينىلىۋاتىمەن.
- بىلىپ قويكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
تېنىدىن جىنلار چىقىپ كەتكەن ھېلىقى كىشى ھەزرىتى ئەيساغا: - مەنمۇ سىز بىلەن بىللە كېتەي، - دەپ يالۋۇردى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
كىمدەكىم ماڭا خىزمەت قىلىشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ چاكىرىم شۇ يەردە بولىدۇ. ماڭا خىزمەت قىلغۇچىلارنى ئەرشتىكى ئاتام ھۆرمەتلەيدۇ.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى بۇرۇنلا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى ئەمدى تولۇق كۆرسەتمەكچىدى.
مەن تەييارلىق قىلغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى مەن بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىمەن. شۇنداق بولغاندا، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر.
ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بىلەن بىر يەردە بولۇشىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن، مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقتۇر.
ئىستىپان يامغۇردەك يېغىۋاتقان تاشنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ: - ئى رەببىم ئەيسا، مېنىڭ روھىمنى قوبۇل قىلغايسەن! - دەپ ۋارقىرىدى.
ئىشەنچكە ئىگە ئىكەنمىز، ھازىرقى تېنىمىزدىن ۋاز كېچىپ، رەببىمىزنىڭ ماكانىدا بولۇشقا رازىمىز.
سىلەردىن مۇھەببىتىمىزنى ئايىمىدۇق، لېكىن سىلەر بىزدىن مۇھەببىتىڭلارنى ئايىدىڭلار.
بىراق، سىلەر ئۈچۈن مېنىڭ ھايات تۇرۇشۇم زۆرۈردۇر.
قېرىنداشلار، سىلەرگە مەلۇمكى، بىزنىڭ قېشىڭلارغا بارغىنىمىز بىكارغا كەتمىدى.
خۇداغا ھەمىشە شۈكۈر ئېيتىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، سىلەر بىزدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، بۇ سۆزنى ئىنسانلارنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى دەپ ئېتىراپ قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ سۆز خۇدانىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان سىلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە.
كېيىن ھايات ياشاۋاتقان بىزلەر، يەنى بۇ دۇنيادا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلار ئاشۇ ئۆلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە رەببىمىز بىلەن ئاسماندا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا كۆتۈرۈلىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز.
ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم، ھاياتىم خۇداغا قۇربانلىق ئورنىدا تەقدىم قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مېنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدىغىنىمغا ئاز قالدى.
مەن يەنە ئاسماندا مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «بۇ سۆزنى ياز: ˜بۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلگەنلەر نەقەدەر بەختلىك!Œ» مۇقەددەس روھ: «دۇرۇس، ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئارام ئالىدۇ. چۈنكى، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ» دېدى.