Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەنى ئۇلارنىڭ مۇددىئاسى توغرا بولسۇن-بولمىسۇن، پەقەت ئەيسا مەسىھ تونۇتۇلسىلا خۇرسەنمەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق خۇرسەن بولىمەن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:18
13 Iomraidhean Croise  

ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تاقىدىڭلار! يا ئۆزۈڭلار كىرىشنى ئويلىمىدىڭلار، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدىڭلار.}


ئۇلار تۇل ئاياللاردىن نەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىپ، ئاندىن ئەتەي باشقىلار كۆرسۇن دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار جەزمەن تېخىمۇ قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ!


بىراق، ئۇلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىدى. چۈنكى، بۇنىڭ مەنىسى قەستەن يوشۇرۇلغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن بۇ سۆزنىڭ تېگىنى سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.


- ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى، سىلەرگە قارشى تۇرمىغانلار سىلەرنى قوللىغانلاردۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.


ئۇنداقتا، خۇدانىڭ سوراق قىلىدىغان كۈنىدە بىز يەھۇدىيلار يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۈستۈن تۇرامدۇق؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! چۈنكى، مەن ھەممىمىزنىڭ، مەيلى يەھۇدىي بولايلى ياكى بولمايلى، گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىمىزنى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتتۈم.


ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىمىز دەپ، گۇناھ سادىر قىلىۋەرسەك بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە بولمايدۇ.


مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق «بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان نەرسىنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بار» ياكى «بۇت ھەقىقىي خۇدا» دېمەكچىمەنمۇ؟


ئۇنداقتا، ئۇ قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇ بەزىدە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بۇنداق تىلدا سۆزلەش بىلەن، بەزىدە ئەقىل-ئىدراكى بىلەن دۇئا قىلسۇن. شۇنداقلا، ئۇ بەزىدە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق، بەزىدە ئەقىل-ئىدراكى بىلەن خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن.


دېمەك، مەيلى مەن ياكى باشقا ئەلچىلەر بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ دەل سىلەر ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردۇر.


چۈنكى، خۇدانىڭ مېنى مەن بىلەن قارشىلاشقۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئاقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ، سىلەرنىڭ دۇئالىرىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ روھى، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بولىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan