فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن كىشەنلەنگەنلىكىمنى بىلىشتى. Faic an caibideil |
ئۈچ كۈندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار كەلگەندە، پاۋلۇس مۇنداق دېدى: - قېرىنداشلار! مەن خەلقىمىزگە ياكى ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئەنئەنىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئىش قىلمىغان بولساممۇ، يېرۇسالېمدا يە ۇدىيلار تەرىپىدىن سولاققا تۇتۇلۇپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدۇم.
مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم توغرا، دەپ قارايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىن ئالغان ئورنۇڭلار ناھايىتى مۇھىم. مەيلى مەن زىنداندا كىشەنلىنىپ ياتقان ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى سىرتتا خۇش خەۋەرنى قوغداپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقتىمدا بولسۇن، ھەممىڭلار مەن بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇڭلار.