Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، بېشىمغا كەلگەن بۇ جاپا-مۇشەققەتلەر خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:12
19 Iomraidhean Croise  

12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى كەلدى. بۇ پادىشاھنىڭ پەرمانى ئىجرا قىلىنىدىغان، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۈمىد باغلىغان كۈن ئىدى. ئەكسىچە بۇ كۈندە يەھۇدىيلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.


خۇدا سېنىڭ غەزىپىڭ ئاشۇرار شۆھرىتىڭنى، كەمەر قىلىپ باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى.


مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئىلاھلاردىن ئۇلۇغلۇقىنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى خارلىغاندا، ئۇ ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتىپتۇ، _ دېدى.


مانا، بۇ سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولۇش پۇرسىتىڭلاردۇر.


ئېتىقادچىلار قەيەرگە تارقىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلار شۇ يەردە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.


خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ ھاياتىدا مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بەرسۇن، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەممىنى شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.


لېكىن، بىزنى سۆيىدىغان خۇدانىڭ كۈچى بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدىن پۈتۈنلەي غەلىبە قىلىمىز.


چۈنكى، مەن ئاراڭلاردا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىغان بىرىنچى كۈندىن ھازىرغىچە، سىلەر مېنىڭ بۇ خىزمىتىمنى قوللاپ كەلدىڭلار.


مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم توغرا، دەپ قارايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىن ئالغان ئورنۇڭلار ناھايىتى مۇھىم. مەيلى مەن زىنداندا كىشەنلىنىپ ياتقان ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى سىرتتا خۇش خەۋەرنى قوغداپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقتىمدا بولسۇن، ھەممىڭلار مەن بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇڭلار.


سىلەرگە مەلۇمكى، تىموتىي ئۆزىنىڭ ياخشى بىر ياردەمچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ خۇددى ئوغۇلنىڭ ئاتىسىغا ياردەم قىلغىنىغا ئوخشاش، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا مەن بىلەن بىللە ئىشلىدى.


ئەي فىلىپىلىكلەر، سىلەرگە مەلۇمكى، مەن سىلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى باشلىغان ۋە ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلغان چاغلىرىمدا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ماڭا ياردەم بەرمىدى.


ئەي سادىق ھەمكارىم، سەندىن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، بۇ ئىشتا سەنمۇ بۇ ئىككى خانىمغا ياردەم قىل. چۈنكى، ئۇلار مەن ۋە كلېمېنت بىلەن، شۇنداقلا نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەرنى تارقىتىش يولىدا قان-تەر سىڭدۈرگەن.


شۇڭا، مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئېتىقادچى ئەرلەر مەيلى قەيەردە بولسۇن، ھەر قېتىم دۇئاغا جەم بولغاندا باشقىلارغا غەزەپلەنمەي، دەتالاش قىلماي، توغرا ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن.


بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىمدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكتىم. ھەتتا جىنايەتچىلەردەك كىشەنلىنىپ، زىندانغا تاشلاندىم. لېكىن، ھېچكىم خۇدانىڭ سۆزىنى كىشەنلىيەلمەيدۇ.


لېكىن، خۇدا مەن بىلەن بىللە بولۇپ، ماڭا خۇش خەۋەرنى تولۇق جاكارلاشقا مەدەت بەردى. نەتىجىدە، ئۇ يەردىكى ھەممە يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا مېنى بۇ قېتىمقى سوتتىن، يەنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan