سىلەر: «بۇ ئۆتۈپ كېتىش كۈنىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىق مۇراسىمىدۇر. چۈنكى پەرۋەردىگار مىسىردا مىسىرلىقلارنىڭ جېنىنى ئالغان كېچىدە، ئۇ بىز ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئائىلىلىرىمىزنى ساقلاپ قالغانىدى» دەڭلار. ئىسرائىللار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى.