22 ئىككى كۈن، بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت بولسىمۇ، پەقەت بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە توختىسىلا، ئۇلار قوزغالمايتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى.
تاپقۇچە ئۇلار ماكانلاشقۇدەك بىر يەرنى، تۈز يولغا باشلىدى خۇدا ئۇلارنى.
ئۆگەت ماڭا ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىپ ياشاشنى، چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن، ئاداشماي، يېتەكلىسۇن ئالىيجاناب روھىڭ مېنى.
ئەقىل-ئىدراك بېرىپ ساڭا كۆرسىتىمەن يولۇڭنى، ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىپ ئۆگىتىمەن يولۇمدا مېڭىشنى.
بەرھەق، خۇدا بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر ئەبەدكە، ئۇ بىزنى يېتەكلەر مەڭگۈگە.
بىلىمەن، نەسىھەتىڭ مېنى يېتەكلەر، ئاخىرى شان-شەرەپمۇ قولۇمغا كېلەر.
يېتەكلىدىڭ قوۋمىڭنى قوي پادىسىدەك، مۇسا ۋە ھارۇننى قىلىپ سەن قويچىدەك.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى.
مۇسا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى.
مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن خەلق پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش قىلىپ، لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى.
ئۇ چېدىر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتا، ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، يولغا چىقاتتى. بۇلۇت پەسلىگەن جايلاردا، چېدىرلىرىنى تىكەتتى.
بەزىدە بۇلۇت پەقەت بىر كېچىلا توختاپ، ئەتىسى ئەتىگەندە كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلارمۇ يولغا چىقاتتى. مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بولسۇن، بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يولغا چىقاتتى.
بىر قېتىم ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلەر بىلەن غىزالىنىۋاتقاندا، ئۇلارغا يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: - يېرۇسالېم شەھىرىدىن ئايرىلماي، مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، خۇدائاتام سىلەرگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى كۈتۈڭلار.