19 بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇزاقراق توختىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، يۆتكەلمەيتتى.
بۇلۇت قوزغالمىغۇچە، ئۇلارمۇ قوزغالمىدى.
سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا يەتتە كېچە-كۈندۈز تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھالاك بولمايسىلەر. مانا بۇ پەرۋەردىگار ماڭا قىلغان ئەمردۇر.
_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلساڭ، ئىبادەتخانامنى ۋە ئۇنىڭ ھويلىلىرىنى باشقۇرىسەن. سېنىڭ بۇ يەردە تۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدا بولۇشۇڭغا ئىجازەت بېرىمەن.
ئۇلار باشقا ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن نەرسە-كېرەكلىرىگە مەسئۇل بولسۇن.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، يولغا چىقاتتى ۋە يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چېدىرلىرىنى تىكەتتى. بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە قانچىلىك ۋاقىت توختىسا، ئۇلار قارارگاھىدا شۇنچىلىك ۋاقىت تۇراتتى.
بەزىدە بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئاران بىرنەچچە كۈنلا توختايتتى، ئەھۋال قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، كۆچەتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن چېدىرلىرىنى تىكەتتى.