Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 9:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئەگەر ھەرقانداق بىر كىشى پاك بولۇپ تۇرۇقلۇق ياكى ئۇزۇن سەپەرگە چىقمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزمىسە، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ بەلگىلەنگەن كۈندە ماڭا قۇربانلىق قىلمىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 9:13
24 Iomraidhean Croise  

خەتنە قىلىنمىغان ئەر خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئۇنداق كىشى ئەھدىنى بۇزغان بولىدۇ.


يەتتە كۈنلۈك ھېيت مەزگىلىدە پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئۆيلىرىڭلاردىكى خېمىرتۇرۇچنى تاشلىۋېتىڭلار. بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن ئادەم ئىسرائىللار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىڭلاردا خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغانلىكى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن كىشى مەيلى ئىسرائىل ياكى يات خەلق بولسۇن، ئىسرائىل خەلقى قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلسۇن.


كىمدەكىم بۇ ياغنىڭ ئوخشايدىغىنىنى ياسىسا ۋە روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىگە سۈركىسە، ئۇ خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


ئۆزلىرى ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن بۇ خىل ئىسرىققا ئوخشىتىپ ئىسرىق ياسىغانلارنىڭ ھەممىسى خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


ئەي ئاچا-سىڭىللار، مەن سىلەرنىڭ بۇزۇقچىلىق ۋە بۇتپەرەسلىك قىلغان گۇناھىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.»


_ مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، كىمكى قان يېسە، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.


ئۇلارنى ئىبادەت چېدىرىم دەپ ئاتالغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلمىسا، ئۇ قان تۆككەن گۇناھكار ھېسابلىنىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ خوتۇنلىرى بىلەن زىنا قىلىش قېرىنداشلىرىنى ھاقارەتلىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ھەر ئىككىلىسى ئۆز گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، پەرزەنت يۈزى كۆرمەي، ئۆلىدۇ.


روھانىيلار مەن جاكارلىغان بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلسۇن. بولمىسا مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ. بۇ گۇناھى ئۈچۈن گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.


سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، كىمكى مەن خۇدانى ھاقارەتلىسە، شۇ ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.


ھەرقانداق بىر ئادەم جەسەتكە تېگىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى پاكلىمىغان بولسا، ئۇنداق ئادەم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغىغان ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئىسرائىللارنىڭ قاتارىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ تېخى پاكلانمىغان بولىدۇ.


ناپاك تۇرۇپ ئۆزىنى پاكلىمىغان ھەرقانداق كىشى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغايدۇ. پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە، ئۇ ناپاكتۇر.


مۇنداق بولغاندا ئەر گۇناھتىن خالىي بولىدۇ. ئايال گۇناھكار بولسا، خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.»


_ بىز جەسەت تۇتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ناپاك بولۇپ قالدۇق. شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە بەلگىلەنگەن كۈندە پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلىنمامدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.


سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىككە دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ ئالەمدە ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى مۇسا پەيغەمبەرنى رەت قىلغان ئىسرائىللار بۇنداق قىلىشنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتىكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلساق، ئۇ جازادىن بىز قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز!؟


شۇنداق ئىكەن، شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇلۇشقا كۆز يۇمساق، قانداقمۇ شۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! قۇتقۇزۇلۇش خەۋىرىنى دەسلەپتە رەببىمىز ئۇقتۇرغان، ئۇنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلار بۇ قۇتقۇزۇلۇشنىڭ ھەقلىقى توغرىسىدا بىزگە گۇۋاھلىق بەرگەن.


ۋەھالەنكى ئۇلار خۇدادىن ۋاز كەچتى، خۇدانىڭ ئوغلىنى رەت قىلدى. بۇ، خۇدانىڭ ئوغلىنى كرېستكە قايتا مىخلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا داغ كەلتۈرگەن بىلەن باراۋەردۇر.


شۇنىڭدەك، ئەيسا مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن، بىرلا قېتىم قۇربان بولدى. ئۇ قايتا كەلگەندە، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىگە قۇربان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى كۈتكەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېلىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan