3 ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە چىراغلارنى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويدى.
ساپ ئالتۇن چىراغدان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، چىراغ ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان زەيتۇن يېغى،
ئاندىن چىراغداندىكى چىراغلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يېقىپ قويدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
_ ھارۇنغا ئېيتقىن: «ئۇ يەتتە چىراغنى چىراغدانغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، چىراغلارنىڭ نۇرى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويسۇن».
پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا كۆرسەتكىنى بويىچە چىراغدان پۇتىدىن تارتىپ تاكى گۈللۈك نەقىشلىرىگىچە پۈتۈنلەي ئالتۇندىن سوقۇلغانىدى. مانا بۇ چىراغداننىڭ ياسىلىشىدۇر.
يېقىلغان چىراغنى ھېچكىم داس ئاستىغا يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۆي ئىچىدىكى ئادەملەرگە يورۇقلۇق چۈشىدۇ.