23 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:
ھەممە ئىشلار ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، خىزمىتىنى باشلىدى. ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ لاۋىيلار توغرىسىدا مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرىنى بەجا كەلتۈردى.
_ لاۋىيلار ئارىسىدا مۇنداق قائىدە بولسۇن: لاۋىيلار 25 ياشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى خىزمەتكە قويۇلسۇن.