Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 8:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 لاۋىيلار پاكلىنىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن، ھارۇن ئۇلارنى ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئۇلارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىپ، پاكلىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 8:21
10 Iomraidhean Croise  

پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن خەلقنىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇلار بۈگۈن ۋە ئەتە كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن.


پاكلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان روھانىي پاكلانغۇچىنى ۋە قۇربانلىقلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن.


ئۇ ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنى پاكلىنىش سۈيى بىلەن ئۆزىنى يۇيسۇن. شۇندىلا ئۇ پاك بولىدۇ. مۇبادا ئۇ ئۆزىنى ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى يۇيمىغان بولسا، ئۇ پاك بولمايدۇ.


پاك كىشى ناپاك كىشىگە ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى سۇ سەپسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى يەتتىنچى كۈنى پاكلىنىدۇ. پاكلانغۇچى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە يۇيۇنسۇن. شۇنداق بولغاندا ئۇ كىشى شۇ كۈنى كېچىسى پاكلىنىپ بولغان بولىدۇ.


_ لاۋىيلار ئەمدى ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ. مەن مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆلتۈرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم. ئەمدى مەن ئىسرائىل خەلقىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلىمەن. لاۋىيلار ماڭا تەئەللۇقتۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!


لاۋىيلار پاكلىنىپ، ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا بېغىشلانغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلسا بولىدۇ.


مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن خەلق پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش قىلىپ، لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى.


ھەممە ئىشلار ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، خىزمىتىنى باشلىدى. ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ لاۋىيلار توغرىسىدا مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرىنى بەجا كەلتۈردى.


لاۋىيلارنى مۇنداق ئۇسۇل بىلەن پاكلىغىن: ئۇلارغا پاكلىنىش سۈيىنى سەپكىن، ئاندىن ئۇلار ئۇستىرا بىلەن پۈتۈن بەدەنلىرىنى قىرىپ تازىلىسۇن. كىيىملىرىنى يۇيسۇن، شۇندىلا ئۇلار پاكلانغان بولىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan