Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 8:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ ھارۇنغا ئېيتقىن: «ئۇ يەتتە چىراغنى چىراغدانغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، چىراغلارنىڭ نۇرى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويسۇن».

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 8:2
19 Iomraidhean Croise  

چىراغ بولۇپ كالامىڭ پۇتلىرىمغا، نۇر بېرەر ئۇ يوللىرىمغا.


كالامىڭنىڭ مەنىسى يېشىلگەندە، نۇر چاچار يولىمىزغا، ئەقىل-ئىدراك بېرەر ئۇ ساددا ئىنسانلارغا.


چىراغدانغا يورۇقى ئالدى تەرەپكە چۈشىدىغان قىلىپ يەتتە چىراغ ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن.


ئۇ ساپ ئالتۇندىن چىراغدانغا يەتتە چىراغ، پىلىك قىسقۇچ ۋە پىلىك قالدۇقىنى قويىدىغان تەخسە ياسىدى.


ساپ ئالتۇن چىراغدان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، چىراغ ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان زەيتۇن يېغى،


ئاندىن چىراغداندىكى چىراغلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يېقىپ قويدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.


ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.


مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى ساپ ئالتۇندىن ياسالغان چىراغداندىكى چىراغلاردىن ھەر دائىم ياخشى خەۋەر ئالسۇن.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە چىراغلارنى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويدى.


سىلەر دۇنيانىڭ نۇرىدۇرسىلەر. تاغ ئۈستىگە سېلىنغان شەھەر يوشۇرۇنالمايدۇ.


دۇنياغا كېلىدىغان بۇ «ھەقىقىي نۇر» پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتىدىغان نۇردۇر.


شۇنىڭ بىلەن، بىز بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەندۇق. ئۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، تاڭ سۈزۈلگۈچە، يەنى تاڭ يۇلتۇزى ئەيسا مەسىھ كېلىپ، قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە، بۇ سۆزلەر خۇددى قاراڭغۇلۇقتا يولنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چىراغقا ئوخشاش چاقناپ تۇرىدۇ.


ماڭا سۆزلىگۈچىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلدۇم. بۇرۇلغىنىمدا، كۆزۈمگە يەتتە ئالتۇن چىراغدان


يەتتە ئالتۇن چىراغدان ۋە سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ سىرىغا كەلسەك، يەتتە يۇلتۇز يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىلىرى. يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتچىلىكتۇر.


تەختتىن چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ تۇرغان يەتتە مەشئەل بار ئىدى. بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan