چۆلدە 8:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى15 لاۋىيلار پاكلىنىپ، ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا بېغىشلانغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلسا بولىدۇ. Faic an caibideil |
_ لاۋىيلار ئەمدى ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ. مەن مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆلتۈرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم. ئەمدى مەن ئىسرائىل خەلقىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلىمەن. لاۋىيلار ماڭا تەئەللۇقتۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!