Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 7:88 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

88 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ماللار تۆۋەندىكىدەك: 24 بۇقا، 60 قوچقار، 60 تېكە، 60 تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەندىن كېيىن سۇنۇلغان بېغىشلاش ھەدىيەلىرى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 7:88
5 Iomraidhean Croise  

قۇربانلىق سۇنغۇچى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى چىقىرىۋېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. ئۇ ئومۇرتقىسىدىن پۈتۈن قۇيرۇق مېيىنى چىقىرىۋالسۇن ھەمدە قۇربانلىقنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرىنى،


مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇپ بولغان كۈنى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلەرگە، قۇربانلىق سۇپىسىغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سايمانلارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى مۇقەددەس قىلدى.


قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەندىن كېيىن، ئاقساقاللار بېغىشلاش ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويدى.


قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەن كۈنى، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى قۇربانلىق سۇپىسىنى خۇداغا بېغىشلاش ئۈچۈن سۇنغان ھەدىيەلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىدەك: 12 كۈمۈش تاۋاق، 12 كۈمۈش قاچا، 12 ئالتۇن تەخسە.


كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن 12 بۇقا، 12 قوچقار، 12 تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان ھەمدە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە سۇنۇلغانىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan