86 ئىچىگە ئىسرىق تولدۇرۇلغان 12 ئالتۇن تەخسە، ھەربىر تەخسىنىڭ ئېغىرلىقى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 115 گىرام بولۇپ بارلىق تەخسىلەرنىڭ ئېغىرلىقى 1 كىلو 380 گىرام ئىدى.
ئالتۇن پىيالىلەر، ئالتۇن پىلىك قايچىلىرى، ئالتۇن داسلار، ئالتۇن ئىسرىق تەخسىلىرى، ئالتۇن چوغدانلار، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئالتۇن بىلەن قاپلانغان مۇجۇقلىرى.
شىرەنىڭ ئۈستىدىكى تاۋاق ۋە تەخسە، شۇنداقلا ئىچىملىك ھەدىيەسىگە ئىشلىتىلىدىغان چەينەك ۋە چىنىلەر ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن.
رويخەتكە ئېلىنغانلار تۆلەيدىغان بەدەل پۇلى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە كىشى بېشىغا ئالتە گىرامدىن كۈمۈش بولسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيە ھېسابلانسۇن.
مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھەربىر كۈمۈش تاۋاقنىڭ ئېغىرلىقى بىر يېرىم كىلو، ھەربىر كۈمۈش قاچىنىڭ ئېغىرلىقى 800 گىرام بولۇپ، بارلىق كۈمۈشنىڭ ئېغىرلىقى 27 كىلو 600 گىرام ئىدى.
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن 12 بۇقا، 12 قوچقار، 12 تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان ھەمدە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە سۇنۇلغانىدى.
ھەم ئۆيگە كىرىپ بالىنى ئانىسى مەريەم بىلەن بىللە كۆرگىنىدە، يەرگە باش قويۇپ بالىغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن، ساندۇقلىرىنى ئېچىپ، ئالتۇن، مەستەك، مۇرمەككى قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ سۇنۇشتى.