10 قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەندىن كېيىن، ئاقساقاللار بېغىشلاش ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويدى.
پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ 22 مىڭ كالا، 120 مىڭ قوي ئامانلىق قۇربانلىقى قىلدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىللار ئىبادەتخانىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى.
پادىشاھ سۇلايمان 22 مىڭ كالا، 120 مىڭ قوي قۇربانلىق قىلدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلىدى.
ئەتىسى يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئۇلار قۇربانلىق سۇپىسىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاش مۇراسىمىنى يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈپ، يەنە يەتتە كۈن كەپە تىكىش ھېيتى قىلغانىدى.
يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ سېپىللىرى خۇداغا بېغىشلىنىدىغان چاغدا، لاۋىيلار تۇرغان جايلىرىدىن مۇراسىمغا قاتنىشىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمغا تەكلىپ قىلىندى. ئۇلار مۇراسىمنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە مىننەتدارلىق بىلەن جاڭ، چىلتار ۋە لىرالارنى چېلىپ، نەغمە قىلىپ، ناخشا ئېيتىپ تەبرىكلىدى.
جامائەت ئۇ كۈنى نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى قىلدى ھەمدە شاد-خۇراملىققا چۆمدى. چۈنكى خۇدا ئۇلارغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلغانىدى. ئاياللار ۋە بالىلارمۇ خۇشاللىققا چۆمدى. يېرۇسالېمدىكى شاد-خۇراملىقنى يىراق جايلاردىنمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى.
ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلايمەن سېنى، ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزدۇڭ مېنى. مېنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشكە قويمىدىڭ دۈشمەنلىرىمنى.
مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇپ بولغان كۈنى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلەرگە، قۇربانلىق سۇپىسىغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سايمانلارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى مۇقەددەس قىلدى.
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا: «ئۇلار قۇربانلىق سۇپىسىنى ماڭا بېغىشلاش ئۈچۈن ھەدىيەلىرىنى سۇنسۇن، ھەر كۈنى بىر ئاقساقال ئۆز ھەدىيەسىنى سۇنسۇن» دېگەنىدى.
قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەن كۈنى، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى قۇربانلىق سۇپىسىنى خۇداغا بېغىشلاش ئۈچۈن سۇنغان ھەدىيەلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىدەك: 12 كۈمۈش تاۋاق، 12 كۈمۈش قاچا، 12 ئالتۇن تەخسە.
ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ماللار تۆۋەندىكىدەك: 24 بۇقا، 60 قوچقار، 60 تېكە، 60 تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەندىن كېيىن سۇنۇلغان بېغىشلاش ھەدىيەلىرى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
لەشكەر باشلىرى ئۇلاردىن مۇنداق دەپ سورىسۇن: «ئاراڭلاردا يېڭىدىن ئۆي سالغان، لېكىن ئۇنىڭدا ئولتۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەنلەر بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۆيىگە قايتىپ، ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلانسۇن. بولمىسا باشقىلار ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرىدۇ.