8 ئۇ ئۆزىنى بېغىشلىغان كۈنلەردە، مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغان بولىدۇ.
ھەتتا ئاتا-ئانىسى ياكى ئەر ۋە ئايال قېرىنداشلىرى تۈگەپ كەتسىمۇ، ئۇلارغا تېگىپ، ئۆزىنى بۇلغىمىسۇن. ئۇنىڭ چېچى، ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.
ئەگەر بىرى ئۇنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆستۈرگەن چېچى بۇلغانغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈن يەتتە كۈندىن كېيىن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن.
مەن پەرۋەردىگاردىن پەرزەنت تىلەپ دۇئا قىلغانىدىم، پەرۋەردىگار دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ، ماڭا بۇ بالىنى ئاتا قىلدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدىم. ئۇ ئۆمۈرۋايەت پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.