3 ئۆزىنى مەي ۋە شارابتىن نېرى قىلسۇن. ئۈزۈم ياكى باشقا نەرسىلەردىن ئېچىتىلغان ئىچىملىكلەرنى ئاغزىغا ئالمىسۇن، ئۈزۈم شەربىتىنى ئىچمىسۇن ھەمدە ئۈزۈم ۋە كىشمىشنى يېمىسۇن.
_ سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىشتىن ئىلگىرى مەي ۋە شاراب ئىچمەڭلار، بولمىسا ھالاك بولىسىلەر. سىلەر بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىڭلار.
مەن پەرزەنتلىرىڭلاردىن پەيغەمبەرلەرنى تەيىنلىدىم، ئاراڭلاردىن ماڭا ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلىغان ياشلارنى تاللىدىم. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، ئەجەبا دېگىنىم توغرا ئەمەسمۇ؟!
بىراق سىلەر ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغان بۇ كىشىلەرنى شاراب ئىچىشكە مەجبۇرلىدىڭلار. سىلەر پەيغەمبەرلەرنى ۋەھىي يەتكۈزۈشتىن توستۇڭلار.
ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە ئۈزۈمدىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى، ھەتتا ئۈزۈم ئۇرۇقى ۋە پوستىنىمۇ يېمىسۇن.
ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ، ھاراق-شاراب ئىچمەيدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپلا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمگەن بولىدۇ.
- ھوشيار بولۇڭلار! ئۆزۈڭلارنى ئەيش-ئىشرەت ۋە تۇرمۇشنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشتۇرماڭلار. قىيامەت كۈنى سىلەرگە گويا توساتتىن بېشىڭلارغا تاشلانغان توردەك كەلمىسۇن.
ھاراقتىن مەس بولۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئادەمنى زەئىپلىككە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇڭلار.
ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.
(ئاشقازىنىڭنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، شۇنداقلا دائىم كېسەل بولۇپ قالىدىغانلىقىڭ ئۈچۈن، سۇلا ئىچمەي، بىرئاز شارابمۇ ئىچىپ بەرگىن.)
ئۇلار پەقەت ھالال ۋە ھارام يېمەك-ئىچمەك ۋە بويىنى سۇغا سېلىش رەسمىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خۇدا يېڭى تەرتىپنى ئورناتقۇچە كۈچكە ئىگە بولغان سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىكى قائىدە-نىزاملاردۇر.
ئۇ ئۈزۈمدىن ئىشلەنگەن ھەرقانداق نەرسىنى يېمىسۇن، مەي ياكى شاراب ئىچمىسۇن، ناپاك نەرسىلەرنى يېمىسۇن. ئۇ مېنىڭ بۇيرۇقلىرىمغا چوقۇم ئەمەل قىلسۇن، _ دېدى.
بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلغىن، مەي ياكى شاراب ئىچمىگىن. ناپاك نەرسىلەرنى يېمىگىن.