Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 6:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ھەمدە مەن پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلىشىنى قايتىدىن باشلىسۇن. بۇ ئۇنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان كۈنلىرى بۇلغانغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقى كۈنلىرى ئىناۋەتسىز بولسۇن. ئۇ بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاننى ئەيىب قۇربانلىقىغا ئېلىپ كەلسۇن.»

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 6:12
12 Iomraidhean Croise  

لېكىن قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان ياكى تېكە بولسۇن.


ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، ئادالەتسىزلىك قىلسا، رەزىللەر بىلەن بىرگە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلسا، ئەجەبا بۇنداق ئادەم يەنىلا ھايات قېلىشى كېرەكمۇ؟ مەن بۇنداق ئادەمنىڭ بۇرۇنقى ھەققانىي ئىشلىرىنى ھېسابقا ئالمايمەن، ئۇ ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى ۋە قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ.


روھانىي ئەيىب قۇربانلىقى قىلىنىدىغان پاقلان ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغىنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن.


ئۇ ئۆتكۈزگەن گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر تۇياق بېجىرىم ساغلىق ياكى چىشى ئۆچكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ.


ئەگەر ئۇنىڭ قوي ياكى ئۆچكىنى قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلسۇن. بىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن.


روھانىي ئۇنى ئۆلۈككە يېقىنلاشقانلىق گۇناھىدىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. ئۇ شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە چېچىنى قايتىدىن مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىسۇن


«ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا مەلۇم بىر مۇددەت ئىچىدە ئالاھىدە بېغىشلاشقا قەسەم قىلغۇچىنىڭ مۇددىتى توشقاندا، ئۇ مۇنداق قانۇن بويىچە ئىش قىلسۇن: ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنسۇن.


لېكىن، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر جەزمەن قۇتقۇزۇلىدۇ.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن: - ھازىر مۇشۇنداق بولسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىز توغرىدۇر، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە قوشۇلدى.


ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ پۈتۈن قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى بىرەر پەرمانغا خىلاپلىق قىلىپ قالسا، ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەمگە ئوخشاش گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.


خۇدا يولىدا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى يوقىتىپ قويماي، خۇدانىڭ تولۇق ئىنئامىغا ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan