Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 5:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 روھانىي ئاشلىق ھەدىيەسىدىن بىر سىقىم ئېلىپ، ئۇنى نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. كېيىن زەرداب سۈيىنى ئايالغا ئىچكۈزسۇن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 5:26
5 Iomraidhean Croise  

ئۇننى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئاپارسۇن. روھانىي زەيتۇن يېغى قۇيۇلغان ئۇندىن بىر چاڭگال ۋە قويۇلغان مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


ۋە ئۇنىڭدىن ئازراق ئوشتۇپ ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


ئۇ سۈپەتلىك ئۇننى روھانىيغا ئېلىپ بارسۇن، روھانىي ئۇندىن بىر چاڭگال ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدۇر.


روھانىي زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن بىر چاڭگال ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


روھانىي ئايالنىڭ قولىدىكى كۈندەشلىكنى ئاشكارىلايدىغان ھەدىيەنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا ئېلىپ كەلسۇن.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan