2 _ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئېغىر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالما چىققانلار، جەسەتنى تۇتۇپ ناپاك بولغانلار،
تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تۆت ئادەم شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا بىر-بىرىگە: _ بىز نېمىدەپ بۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟
تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كىيىملىرىنى يىرتىپ، چېچىنى چۇۋۇپ، يۈزىنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى يېپىۋېلىپ: «ناپاكتۇرمەن، ناپاكتۇرمەن!» دەپ ۋارقىرىسۇن.
كېسىلى ساقايمىغۇچە ئۇ ناپاك بولۇپ، قارارگاھ سىرتىدا جامائەتتىن ئايرىلىپ تۇرسۇن.
روھانىي تەكشۈرۈش جەريانىدا تېرە تاشمىسىنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى بۇ تېرە كېسىلىدۇر.
پاكلانغۇچى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، يۇيۇنسۇن. ئاندىن ئۇ كىشى پاك كىشى ھېسابلىنىپ، قارارگاھقا كىرسە بولىدۇ. لېكىن ئۇ كىشى ئاۋۋال ئۆز چېدىرىنىڭ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇرسۇن.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ھارۇننىڭ روھانىي ئوغۇللىرىغا ئېيتقىن، روھانىيلار خەلق ئارىسىدىكى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ جەسىتىگە تېگىپ، ئۆزلىرىنى ناپاك قىلمىسۇن.
بۇ كۈنى نەپسىنى يىغمىغانلار خەلق قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
بۇلۇت چېدىر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈشىگىلا، مەريەمنى قاردەك ئاپئاق تېرە كېسىلى قاپلىدى. ھارۇن مەريەمگە بۇرۇلۇپ، مەريەمگە تېرە كېسىلى چىققانلىقىنى كۆردى.
پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋابەن: _ مۇبادا ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرسە، ئۇ يەتتە كۈنگىچە شەرمەندە بولماسمىدى؟! ئۇنى قارارگاھتىن يەتتە كۈن چىقىرىۋېتىڭلار. ئاندىن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلسەڭلار بولىدۇ، _ دېدى.
ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ۋە جەسەتنى تۇتقانلار يەتتە كۈنگىچە قارارگاھنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن. ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى ئۆزلىرىنى ۋە ئەسىرلىرىنى پاكلىسۇن.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: