چۆلدە 4:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى24 گېرشون جەمەتىنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەش ۋە شۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى قىلىش بولسۇن. Faic an caibideil |
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، چېدىرلارنى كۆچۈرۈشكە تەييار بولغاندا، قوھاتلار بالداقلار بىلەن ئۇلارنى توشۇسۇن. بىراق قوھاتلار بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىسۇن! ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قول تەگكۈزسە، ھالاك بولىدۇ. ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى توشۇش قوھاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.