13 قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۈللەرنى تازىلاپ، ئۈستىگە سۆسۈن رەڭلىك رەخت ياپسۇن.
ئۇستىلار كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلغان رەختتىن روھانىيلار مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتىگەندە كىيىدىغان مۇقەددەس روھانىيلىق كىيىملىرىنى تىكتى. ھارۇن ئۈچۈن تىككەن مۇقەددەس كىيىملەرنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە تىكتى.
روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جايدا خىزمەت قىلغاندا كىيىدىغان نەپىس، مۇقەددەس كىيىملەر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سايمانلارنى، يەنى چوغدان، ئارا، گۈرجەك ۋە داسلارنى قويۇپ، كېيىن نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن. ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.