12 مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان باشقا جابدۇقلارنى كۆك رەڭلىك رەختكە يۆگەپ، نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، زەمبىلگە سالسۇن.
بەزى لاۋىيلار ئىبادەتكە ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارغا قاراشقا مەسئۇل ئىدى. ئۇلار ھەر قېتىم بۇ بۇيۇملارنى ئېلىپ چىققاندا ياكى ئەكىرىپ قويغاندا ئۇلارنىڭ سانىنى ئالاتتى.
يەنە بىر قىسىم لاۋىيلار ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىدىكى نەرسىلەرگە، باشقا بۇيۇملارغا ۋە ئۇن، شاراب، زەيتۇن يېغى، ئىسرىق، خۇشبۇي ئەشيا قاتارلىقلارغا قارايتتى.
ھۇرام يەنە كۈل قاچىسى، گۈرجەك ۋە داسلارنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن پادىشاھ سۇلايمان بۇيرۇغان ھەممە ئىشلارنى پۈتتۈردى.
كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر ۋە ئارىلار. ھۇرام سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇ نەرسىلەرنى پارقىراق تۇچتىن قۇيۇپ چىقتى.
سۇلايمان يەنە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كېرەكلىك بارلىق بۇيۇملارنى ياساتتى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئالتۇن ئىسرىقدان، خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىلىدىغان شىرەلەر،
ئالتۇن پىلىك قايچىلىرى، ئالتۇن داسلار، ئالتۇن ئىسرىق تەخسىلىرى، ئالتۇن چوغدانلار ھەمدە ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ئاساسىي خانىنىڭ ئالتۇن ئىشىكلىرى.
قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، چىداملىق تېرە، ئاكاتسىيە ياغىچى،
ئىبادەت چېدىرى ۋە ئىچىدىكى نەرسىلەر مەن ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىغا ئوخشاش ياسالسۇن.
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەر،
ئۇلار باشقا ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن نەرسە-كېرەكلىرىگە مەسئۇل بولسۇن.
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئالتۇن ئىسرىقداننىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.
قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۈللەرنى تازىلاپ، ئۈستىگە سۆسۈن رەڭلىك رەخت ياپسۇن.
ئۇنىڭ ئۈستىنى يەنە نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن يېپىپ، ئارقىدىن كۆك رەڭلىك رەخت ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.
ئۇلار ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار قويۇلىدىغان شىرەنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، ئۈستىگە تاۋاقلار، تەخسىلەر، ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۈپلەر ۋە چىنىلەرنى قويسۇن. ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار ئۇ يەردە تۇرسۇن.
ئۇلار چىراغدان، چىراغلار، پىلىك قىسقۇچلار، پەتنۇس ۋە بارلىق زەيتۇن يېغى قاچىلانغان قاچىلارنى كۆك رەڭلىك رەخت بىلەن يۆگەپ،