Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 34:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئاندىن ئۇ يەردىن لىبو-خامات شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن، زېداد ۋە

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 34:8
12 Iomraidhean Croise  

خامات پادىشاھى توئۇ داۋۇتنىڭ ھادادئەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ،


شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھ سۇلايمان شىمالدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن جەنۇبتىكى مىسىر چېگراسىغا جايلاشقان دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كېلىپ توپلانغان پۈتكۈل ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا زور جامائەت بولۇپ توپلىنىپ، ئىككى كەررە يەتتە كۈن، يەنى ئون تۆت كۈن كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزدى.


ياروبئام II خۇددى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆز خىزمەتكارى ئامىتاينىڭ ئوغلى گاتخېفەرلىك يۇنۇس پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن تارتىپ تاكى جەنۇبتىكى ئۆلۈك دېڭىزغىچە بولغان ئارىلىقتىكى زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالدى.


ئارۋاد، زىمار ۋە خاماتلارمۇ كېلىپ چىقتى.


شۇڭا داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىم شەھىرىدىن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ شىخور دەرياسىدىن تاكى لىبو-خاماتقىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغدى.


بىز كالنو شەھىرىنى خۇددى كاركىمىش شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟! بىز خامات شەھىرىنى خۇددى ئارپاد شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟! بىز يەنە سامارىيە شەھىرىنى خۇددى دەمەشق شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟!


بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلگەندە، بابىل قوشۇنلىرى پادىشاھ زىدقىيانى تۇتۇۋالدى. ئۇلار ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تۇرۇۋاتقان خامات رايونىدىكى رىبلاھقا ئېلىپ كەلدى. بابىل پادىشاھى ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى.


لېكىن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «قاراپ تۇرۇڭلار، ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مەن سىلەرگە قارشى بىر ئەلنى قوزغىتىمەن. ئۇلار شىمالدىكى لىبو-خاماتتىن جەنۇبتىكى ئارابا جىلغىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى زېمىنىڭلارنى بېسىۋېلىپ، سىلەرنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.»


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارلاپ شىمالغا قاراپ ماڭدى. جەنۇب تەرەپتىكى زىن چۆلىدىن تارتىپ تاكى شىمال تەرەپتىكى لىبو-خامات يېنىدىكى رىخوب شەھىرىگىچە باردى.


زىفرون شەھەرلىرىگە سوزۇلۇپ، خازار-ئېنانغىچە بارىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ شىمالىي چېگراڭلار بولىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan