Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 34:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئاندىن بۇرۇلۇپ، مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى بويلاپ، ئاخىرىدا ئوتتۇرا دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 34:5
8 Iomraidhean Croise  

دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئىبرامغا ئەھدە قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ مەن مىسىر چېگراسىدىن تاكى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغىچە سوزۇلغان بۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن.


شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھ سۇلايمان شىمالدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن جەنۇبتىكى مىسىر چېگراسىغا جايلاشقان دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كېلىپ توپلانغان پۈتكۈل ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا زور جامائەت بولۇپ توپلىنىپ، ئىككى كەررە يەتتە كۈن، يەنى ئون تۆت كۈن كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزدى.


بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەر ئىسرائىللارنى، فىرات دەرياسى ۋە مىسىر چېگراسىدىكى دەريانىڭ ئارىلىقىدىكى يەرلەردىن، خۇددى بۇغداينى ساماندىن ئايرىغاندەك ئايرىپ، بىر-بىرلەپ يىغىۋالىدۇ.


جەنۇبىي چېگرايىڭلار تامار شەھىرىدىن غەربىي جەنۇب تەرەپكە سوزۇلۇپ، كادېشتىكى «مىرىبا سۈيى»گىچە بارىدۇ. كېيىن مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى پاسىل قىلىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا يېتىپ بارىدۇ. مانا بۇ جەنۇبىي چېگرايىڭلاردۇر.


ئۇ دېڭىز بىلەن مۇقەددەس كۆركەم تاغ ئارىسىغا شاھانە چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. ئۇ شۇ يەردە جان بېرىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزۇۋالالمايدۇ.


بۇ پاسىل يەنە ئازمون شەھىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى بويلاپ ئوتتۇرا دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ. بۇ يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ جەنۇبىي پاسىلىدۇر.


ھەمدە ئاشدود، گازا ئەتراپىدىكى يېزىلار بىلەن قوشۇلۇپ، مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىغا باراتتى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan