Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 34:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئۇ يەردىن ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تۇز دېڭىزىغىچە بارىدۇ. مانا بۇلار زېمىنىڭلارنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ چېگرالىرىدۇر.»

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 34:12
10 Iomraidhean Croise  

لۇت تۆت تەرەپكە نەزەر سېلىپ، ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىن زوئارغىچە سوزۇلغان كەڭ تۈزلەڭلىكنى كۆردى. بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ سۈيى مول بولۇپ، خۇددى ئېرەم باغقا ۋە مىسىرنىڭ يەرلىرىگە ئوخشايتتى. (ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى تېخى خارابىلىككە ئايلاندۇرمىغانىدى.)


بۇ بەش پادىشاھ قوشۇنلىرىنى سىددىم ۋادىسىغا يىغدى. (سىددىم ۋادىسى ھازىرقى «ئۆلۈك دېڭىز» ئەتراپىدىدۇر.)


سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنىڭ چېگراسىنى قىزىل دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە، قۇملۇق رايونىدىن فىرات دەرياسىغىچە كېڭەيتىمەن. مەن سىلەرگە يەرلىك خەلقنى بويسۇندۇرۇش قۇدرىتىنى بېرىمەن. سىلەر ئۇ يەرگە كىرگەن ۋا قتىڭلاردا، ئۇلارنى قوغلىۋېتەلەيسىلەر.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ ئىسرائىل زېمىنىنى ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە مۈلۈك قىلىپ بۆلۈپ بېرىڭلار. يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى ئۈلۈش ئالسۇن،


ئاندىن جەنۇب تەرەپكە بېرىپ، ئايىننىڭ شەرق تەرىپىدىكى رىبلاھقا بارىدۇ. ئاندىن جەلىلىيە كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا كېلىپ،


مۇسا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارنىڭ توققۇز يېرىم قەبىلىسىگە چەك تارتىش ئارقىلىق تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىندۇر.


جەنۇب تەرەپتە زىن چۆلىدىن ئىدوم چېگراسىنى بويلاپ سوزۇلىدۇ. شەرقتە جەنۇبتىكى چېگرا تۇز دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىن باشلىنىپ،


يوشۇۋا ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سەن ياشىنىپ، قېرىپ قالدىڭ. لېكىن سەن تېخى بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان يەنە كۆپ زېمىنلار بار.


ئۇلارنىڭ شەرقىي پاسىلى ئۆلۈك دېڭىزنى بويلاپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆلۈك دېڭىزنىڭ قويۇلۇش ئېغىزىغىچە بارىدۇ. شىمالىي پاسىلى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆلۈك دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن باشلىنىپ،


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan